تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئېلىمىزدە دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيدى

   خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ 209-قېتىملىق يىغىنىدا، جۇڭگو تەۋسىيە قىلىپ ئىلتىماس قىلغان خۇنەن شياڭشى، گەنسۇ جاڭيېدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى گېئولوگىيە باغچىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى دېگەن نامغا رەسمىي ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدىكى دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ سانى 41گە يېتىپ، دۇنيادىكى 161 جاينىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    شياڭشى دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋۇلىڭ تاغ تىزمىسى مەركىزىگە جايلاشقان. 160 ئورۇندا كونا تاش قوراللار ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت خارابىسى بار، بۇ رايون يەنە قىزىل تاش ئورمىنى، دېخاڭ چوڭ جىلغىسى، زولوڭشيا بوغۇزى ۋە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلار بىلەن داڭلىق. جاڭيې دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھىرىگە جايلاشقان، بۇ جايدا يۇغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 577 مەدەنىيەت مەنزىرە نۇقتىسى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى