تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇماي، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش

− پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 83 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ جۈنلۇ، لى فاڭ، جاڭ شياۋ

1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئۆكتەملىك بىلەن ۋەنپىڭ شەھىرىنى توپقا تۇتتى، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپى ئىس - تۈتەككە تولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى چۆچۈتكەن لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنىڭ پارتلىشى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك پەيتكە كەلدى.

ھەر قېتىم مىللىتىمىز ھالاكەت خەۋپىگە دۇچ كەلگەن چاغدا، ھامان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ!

تاجاۋۇزچىلارنىڭ مىلتىق، زەمبىرەكلىرىنىڭ ئاۋازى قاتتىق ئۇيقۇغا چۆككەن بىر مىللەتنى چۆچۈتۈپ ئويغاتتى، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدە پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى ئوقى ئېتىلدى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتكە كېلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئېگىلمەي - سۇنماي، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى. مىسلىسىز جاپالىق جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ئەڭ ئاخىرىدا تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى 1 - قېتىملىق تولۇق غەلىبىگە ئېرىشتى.

ۋاقىت تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

83 يىلدىن كېيىنكى 2020 - يىلى، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقى ئېغىر، زور تەھدىتكە ئۇچرىدى، بۇ بىر مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭ ئىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەسكىنلىك بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى چىدامچان بولۇپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىر نىيەتتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى، مىسلىسىز جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، يەر شارىۋى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يەنە بىر قېتىم لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى بويىدا سەيلە قىلىپ، ۋەنپىڭ قەدىمىي شەھىرىدە مېڭىپ، سېپىل تاملىرىدىكى ھەددى - ھېسابسىز ئوق ئىزلىرىغا قارىساق، خۇددى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ مىلتىق، زەمبىرەك ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىغاندەك بولىمىز. بۈگۈنكى كۈندە، بىر مەيدان ئومۇمىي خەلقنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى جېڭى ۋەنپىڭ شەھىرىدە باشلاندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنىچى سېپىدە 12 ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇپ، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىكى تېببىي خادىملار، خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى، ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، بىرتۇتاش تەڭشەپ ماسلاشتۇردى... بۇ، بېيجىڭنىڭ پۈتۈن شەھەر بويىچە سەپەرۋەرلىككە كەلگەنلىكى، ئومۇمىي خەلقنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

83 يىلدىن كېيىنكى 2020 - يىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئارزۇ ھامان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان «جەڭ مەيدانى»دا، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار پەيتنى قولدىن بەرمەي، بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلماقتا. ئاپتوموبىل بىلەن بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ تۆت سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا بارغىلى بولىدىغان ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاپتا، دۆلەت دەرىجىلىك سەككىز نامرات خوشۇن، ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، لېكىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلماي بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، قىسمەن دېھقان ئائىلىلىرى قايتا نامراتلىشىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

«يېقىندا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلار كوللېكتىپىمىز دۆلەت دەرىجىلىك سەككىز نامرات خوشۇن، ناھىيەنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىمدىن بېرىپ، 400 خىلدىن ئارتۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتىنى رەتلەپ ۋە تاللاپ چىقىپ، نامراتلارنى يۆلەپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىدىغان بۇ مەھسۇلاتلار بىلەن بېيجىڭنىڭ غايەت زور ئىستېمال بازىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئامال - چارە ئىزدىدى.» بېيجىڭ شەھىرىدىن 5 - تۈركۈمدە ئىچكى موڭغۇلغا ياردەم بەرگىلى بارغان كادىر، ئۇلانچاپ شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ پېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەدەمنى توختاتماسلىق» نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلارنىڭ دائىملىق خىزمەت ھالىتى، «پەقەت شۇ جايدىكى پۇقرالارغا ياردەم قىلىپ نەرسىلەرنى سېتىپ چىقىرالىساقلا، بىزنىڭ نەچچە قېتىم ئارتۇق قاترىشىمىز ھېچقانچە ئىش ئەمەس».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش! ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق كۆرسىتەلەيدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش كېرەك، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، يۈكسەك بۇرچىغا داغ تەگكۈزمىدى، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمىدى.

ئومۇمىي خەلق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا، 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 90 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، «ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمىزنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىمىز» دېگەن جاراڭلىق قەسەم جۇڭگودا ياڭرىدى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدى ...

ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، كومپارتىيە ئەزالىرى جاھاننى ئۆزگەرتىدىغان مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشتەك مەردانە كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ئاممىنى يېتەكلەپ، نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جەمئىي 255 مىڭى ئەۋەتىلدى، جەمئىي 2 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق 1 - شۇجى ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر تاللاپ ئەۋەتىلدى، نۆۋەتتە ئىش ئورنىدىكىسى 918 مىڭ نەپەر. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل جايلاردا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىق قورغىنىغا ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم قوزغىماقتا...

«پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن ئومۇمىي خەلقنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقىچە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھى باشتىن - ئاخىر بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا» دېدى بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونى ۋەنپىڭ شەھەر رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باۋ لەن.

ئىلگىرى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، ھازىر 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان جېڭ فۇلەي بوۋاي قىزىل يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ، ۋەنپىڭ شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پىدائىيلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولدى. «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىغا جەزمەن ۋارىسلىق قىلىش كېرەك!» دېدى جېڭ فۇلەي.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى