تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىغا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى تەكشۈردى

ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىغا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى كۈنى. چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىمتىھاننى تەشكىللەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 229 مىڭ 300 نەپەر ئوقۇغۇچى 93 ئىمتىھان رايونى، 235 ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھانغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 13 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىمتىھان نۇقتىسىغا كېلىپ ئىمتىھان خىزمىتىنى تەكشۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىمتىھان ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم خىزمەتچى خادىملار ۋە بىرىنچى مەيدان ئىمتىھاننى ئاخىرلاشتۇرغان ھەر مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ ئىمتىھان ئىشلىرى خادىملىرىغا خىزمەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئىمتىھان بېرىشى، تىنچ - ئامان ئىمتىھان بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى؛ ئىمتىھان بېرىدىغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى خىرىسنى پائال كۈتۈۋېلىپ، ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىرادە تىكلەپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

چېن چۈەنگو ئىمتىھان خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر، بولۇپمۇ كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەشتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ ئامانلىقىغا، ساغلاملىقىغا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، تازىلاش - دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، شاۋقۇننى تۈزەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر، ئازادە بولغان ئىمتىھان مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەت تەرتىپىنى قايتا رەتلەپ، قايتا تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تەڭشەش، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش - كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن تەرتىپلىك باشقۇرۇش، باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمتىھان ئىشلىرى تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن تۈرلۈك كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىل بولۇشى، تەرتىپىنىڭ ئاشكارا بولۇشى، نەتىجىسىنىڭ ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سالاھىيەتنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش، خاتىرجەم قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر قەتئىي تەۋرەنمەي تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋەزىپە ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا كېلىپ ئىمتىھان خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك، ئائىلە باشلىقلىرى ئەھمىيەت بېرىدۇ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ ۋە قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىرتەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى ياخشى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ئىنچىكە ئويلىشىش، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرتىپلىرى ۋە ھالقىلىرىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىل، سەمىمىي بولغان ئىمتىھان كەيپىياتى يارىتىپ، ھەربىر بالىنىڭ ھەممىسىنى كىشىلىك ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئىمتىھان مەزگىلىدە قاتناشنى تەشكىللەش، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق تازىلىقى ۋە يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە توك بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئائىلە - مەكتەپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەكتىپىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىغا كېلىپ ئىمتىھان خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق، تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىمتىھان بىخەتەرلىكى، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىمتىھاننىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەيدانغا كىرگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئىمتىھان مەيدانىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئايرىۋېتىلگەن ئىمتىھان مەيدانلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، كەڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى ھالقىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كېرەك. ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئادىللىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش ۋە ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولغان ئىمتىھان مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار بىللە ئىمتىھان خىزمىتىنى تەكشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.