تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسى يەنە تۆۋەنلىتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شىنيەن): شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى: يەنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە كىرىش بېلىتى يېرىم باھا(35 يۈەن/ئادەم)، مەنزىرە رايونغا ئىككى كۈنلۈك ساياھەتكە كەلگەنلەرگە 50 يۈەن/ئادەم قېتىم. بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالا ئوبلاستىدىكى ئاھالىلەر كىملىكى ياكى نوپۇس دەپتىرىگە ئاساسەن مەنزىرە رايونغا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ لەننىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا، مەنزىرە رايونى سايرام كۆلى مەدەنىيىتى تومۇرىنى ئاساسىي لىنىيە، قىسقا كۈي(موڭغۇل خەلق ناخشىسى ئادەتتە ئۇزۇن كۈي، قىسقا كۈي دەپ ئىككى خىل ئۇسلۇبقا بۆلۈنىدۇ)، ئۇزۇن كۈي، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلغان «سايرام كۆلىگە مۇھەببەت» ناملىق مەنزىرىلىك ناخشا-ئۇسسۇلنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر جۈمە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سەيلىگاھتا ئورۇندىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ».

  ساياھەتچى فەن پېيچىن مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلسا ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ، ھارغىنلىقى ئۇنتۇلىدىكەن. بۇنداق گۈزەل مەنزىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە بەكلا ماس كېلىدىكەن، مەنزىرە رايوندىكى كېچىلىك قونالغۇغا چۈشۈپ، كۈن پېتىش بىلەن كۈن چىقىشنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن، بۇ قېتىمقى ساياھەت مەندە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇردى».

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مەنزىرە رايونغا كىرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ماسكا تاقاپ، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشىنى، سەيلە داۋامىدا مەدەنىيەتلىك، تەرتىپلىك بولۇپ، توپلىشىۋالماي، يىغىلىۋالماي، ئوپچە تاماق يېمەي، مەنزىرە رايوننىڭ تۈرلۈك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى