تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قېتىق سېتىۋالغاندا سوغۇق ساقلاش ئىشكاپىدىكىنى تاللاڭ

    قېتىقنى ℃2~℃6تا ساقلاش كېرەك، دائىم قېتىق ئىچىدىغان كىشىلەر ئورالمىسىدىكى چۈشەندۈرۈشكە دىققەت قىلىدۇ. ئەمما قېتىقلارنىڭ ھەممىسىلا سوغۇق ساقلاش ئىشكاپىدا ساقلىنىۋەرمەيدۇ، نۇرغۇن قېتىق سوغۇق ساقلاش ئىشكاپىنىڭ سىرتىغا قويۇلىدۇ، بولۇپمۇ بايرام مەزگىلىدە، بەزى تاللا بازارلىرى نەچچە خالتا قېتىقنى بىر-بىرىگە باغلاپ، سۈزۈك ئوراپ قاچىلاش خالتىسىغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش ئىشكاپىنىڭ سىرتىغا قويۇپ ساتىدۇ.

    ئېنىقكى، سوغۇق ساقلاش ئىشكاپىنىڭ سىرتىغا قويۇلغان قېتىقنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃6تىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنداقتا، ساقلاش تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا، قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تەسىرگە ئۇچرامدۇ-يوق؟

    قېتىقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاكتىپ سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى بولۇپ، ئۇ ئاقسىلنىڭ ئېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچەيدە گاز ھاسىل بولۇشنى ئازايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ئاكتىپ سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى 0 ~4تا قەرەلسىز ساقلىنىدۇ، لېكىن مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، تېز سۈرئەتتە ئۆلىدۇ، بۇ چاغدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئىچىملىكى تىرىك باكتېرىيەسىز كىسلاتالىق سۈت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. تەركىبىدە ئاكتىپ سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى بولغان قېتىقنىڭ ساقلاش مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، ئادەتتە ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم 2~6تا ساقلاش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

    بۇنىڭدىن قارىغاندا، تاللا بازارلىرىدىكى توڭلاتقۇنىڭ سىرتىغا قويۇلغان قېتىقلار 2~6تا سوغۇق ساقلاش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئىستېمالچىلار قېتىق سېتىۋالغاندا ساقلاش مۇددىتىگە قاراپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «تېمپېراتۇرا»سىغىمۇ قارىشى كېرەك.

    قېتىق ئىچكەندە ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرى، ئاچ قورساق قېتىق ئىچىشتىن ساقلىنىش. ئاچ قورساق قېتىق ئىچكەندە، ساقلىقنى ساقلاش رولى ئاجىزلايدۇ، تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىن ئىچسە، ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. ئىككىنچى، قېتىقنى قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ. قېتىق قىزدۇرۇلسا ئەسلى تەمى يوقاپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرمۇ ئۆلۈپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

خۇالۇڭ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى