بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى خۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لېي): مۇخبىرنىڭ يېقىندا 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 4-شىدا 4201 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 4-شى كۆكدالا شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، «يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش»، 100 كۈنلۈك توردا تەكلىپ قىلىش، 100 كۈنلۈك ھەقسىز توردا تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدە كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.