تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يۇرتداشلارنى باشلاپ بىللە باي بولۇش دەل ئەمەرجاننىڭ ئارزۇسى

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى چىمبۇلاق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ بوخۇا كەنت ئاھالىسى ئەمەرجان توختىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ كەنتتىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكىر يولى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

  ئەمەرجان بۇ يىل 46 ياش، ئوتتۇرا بوي، چىرايى ئاپئاق، گەپنى ئىخچام، يىغىنچاق قىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆزى گەپ قىلالايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ھويلىسى چوڭ بولمىسىمۇ، تېرىقچىلىق، تۇرمۇش ۋە زاپاس ساقلاش رايونلىرىغا ئايرىلغان. تېرىقچىلىق رايونىدىكى ئۈزۈم باراڭ جازىسىنى بويلاپ ئۆگزىگىچە يامىشىپ چىققان، يېشىللىق پۈتۈن ھويلىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغانىدى.

  «ليۇ شۇجى ئۆيگە كىرىڭ» دېدى ئەمەرجان ليۇ بوخۇانى ئۆيىگە باشلاپ ھەمدە ئۈستەلدىكى ھەر خىل قۇرۇق يىمىشلەردىن تېتىشقا تەكلىپ قىلىپ. سافادا ئولتۇرغان ليۇ بوخۇا ئۆينىڭ ناھايىتى ياخشى زىننەتلەنگەنلىكىنى، ھەرخىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى.

  چىمبۇلاق كەنتى چارۋىچىلار كۆچۈرۈلۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان كەنت بولۇپ، چارۋىچىلىق ۋە باقمىچىلىق كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ. 2014-يىلدىن بۇرۇن، ئەمەرجاننىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جان تېخىچە تاغدا تۇراتتى، ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمى ئاساسلىقى چارۋا بېقىشىغا تايىناتتى، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق بولغاچقا، شۇ يىلىلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇ چاغدا ئۇنى نامراتلىق مۈكچەيتىپ قويغان بولۇپ، كۈنبۇيى غەمكىن يۈرەتتى، كەنتتىكىلەرنى، يۇرتداشلارنى كۆرگەندە گەپ قىلىشتىنمۇ خىجىل بۇلاتتى. ئەمەرجان 2015-يىلى يۇقىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئائىلىسى بويىچە چىمبۇلاق كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، ئۇنىڭغا 28 مو يەر تەقسىم قىلىندى. 

  ئەمەرجان مۇنداق دېدى: «راست گەپنى قىلسام، ئەينى ۋاقىتتا كۆچۈپ چۈشۈش-چۈشمەسلىك توغرىسىدا ناھايىتى ئىككىلەندىم، بىراق ئىلگىرىكى نامرات كۈنلەرنى ئويلاپ، كۆچۈشنى قارار قىلدىم، كەنت كادىرلىدىن يەر تېرىشنى، سەي تېرىشنى تىرىشىپ ئۆگەندىم، تۇرمۇشۇم ئالدىرىماي ئىزىغا چۈشتى، ئارقىدىن مەن يەنە 30 مىڭ يۈەن ئوتلاق تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتىم، 2017-يىلى ئائىلەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرتىنى ھازىرلىدى».

  نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بىلەنلا بولمايدۇ، بەختلىك تۇرمۇشقا ساقلاپ، تاينىۋېلىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. زېرەك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەمەرجان قوي سودىسىنى سىناپ باقتى، تۇرمۇشىمۇ شۇنىڭ بىلەن ياخشىلاندى. 2018-يىلى، ئۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن يەتتە نامرات ئائىلىگە باشلامچىلىق قىلىپ بىر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە بېيىش يولىغا ماڭدى.

  «ئەمەرجان ئەينى چاغدا مېنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىپ، بىرگە ئىشلەشنى ئېيتقان. ئۇ يەنە <بىز ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ياردىمىگە تايىنىۋالساق بولمايدۇ، ھازىر پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش سىياسەتلىرى ناھايىتى ياخشى، ئۆزىمىزگە تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنەيلى. بىز قىلىشنى خالىساقلا، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ> دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ غەيرىتى بىلەن مەنمۇ تىرىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم» دېدى بۇ كەنتتىكى دەسلەپتىلا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئەركىن ئەبەي.

  «ليۇ شۇجى، چاي ئىچىڭ!» دېدى ئەمەرجان خىيالغا پېتىپ قالغان ليۇ بوخۇاغا قاراپ.

  «ماقۇل، ماقۇل» دېدى ليۇ بوخۇا سەل خىجىل بولغان ھالدا پىيالىنى قولىغا ئېلىپ.

  ئەمەرجاننىڭ ئەستايىدىللىقى، قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، شىنجاڭ رۇييۇەن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى بايىنغولىن مەركىزىي تارماق شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەم كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇنىڭغا كۆڭلىدىن خۇشال ئىدى. بۇ قېتىم ليۇ بوخۇانىڭ كېلىشىمۇ ئۇنىڭ بىلەن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قايتىدىن قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىش، ئەمەرجاننىڭ نەزەرىنى تېخىمۇ يىراققا قارىتىپ، شەخسىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەنت باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەنتتىكى شەرتى توشىدىغان 92 ئائىلىنىڭ ھەمىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەش ئىدى.

  «ليۇ شۇجى، سىز ئويلىغاننى مەن بۇرۇنلا ئويلىغان، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردا تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيمەن، سىز خاتىرجەم بولۇڭ!» دېدى ئەمەرجان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

                                                                                                                                                   خەلق تورى تېرمىنالى شىنجاڭ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى