تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا-نىڭبو ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى جېجياڭ شۆبە شىركىتى خەۋەر ئېلان قىلىپ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۇچا-شىئەن-نىڭبو ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.

  بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى جەمئىي ئۈچ نۆۋەت قاتنايدۇ. MU9049 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7:35دە نىڭبودىن ئۇچۇپ، سائەت 10:15تە شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ، سائەت 11:45تە شىئەندىن ئۇچۇپ سائەت 16:00دە كۇچاغا يېتىپ بارىدۇ. MU9050 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17:10دا كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:40تا شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ، سائەت 22:10دا شىئەندىن ئۇچۇپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 0:45دە نىڭبوغا يېتىپ بارىدۇ.

  نىڭبو بىلەن كۇچانىڭ بىرى «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، يەنە بىرى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى «يىپەك يولى»دىكى مۇھىم ئىقتىسادىي بازار. 2010-يىلىدىن باشلاپ، مەركەزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى بۇ ئىككى شەھەرنى زىچ باغلىدى. بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئىككى جاينىڭ ساھەلەر بويىچە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە ئىككى جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كۆپ خىل تاللاشقا ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى