7-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە چېنىقىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى.(جاڭ شىنجۈن فوتوسى)
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت مۇخبىر ما زىچيۇڭ): بۈگۈن(7-ئاينىڭ 8-كۈنى) چۆچەك شەھىرى، قاراماي شەھىرىدە يامغۇر ياغقاندىن باشقا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا ئىسسىق بولۇپ، ئوت ئاپىتى خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
7-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا قۇياش كۆتۈرۈلمەكتە.(جاۋ جاڭفۇ فوتوسى)
بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈن G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن قومۇلغىچە، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە، G218 لىنىيەسىنىڭ 33-تۇەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىنىڭ لىنىيە بويلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن ئاشىدۇ.