تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئون ئېسىل لىنىيە سىزنى ئېلىپ شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلدۇرىدۇ

يازلىق تەتىلدە نەگە بېرىپ ئوينايمىز؟

ئون ئېسىل لىنىيە سىزنى ئېلىپ شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلدۇرىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يازلىق تەتىللىك ئون ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازارلىرىنىڭ جانلىنىشىنى تېز قوزغىتىش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئون ئېسىل لىنىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۈرۈمچى، قومۇل، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت تۆت جايدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىش نۇقتىلىرى، تەتقىقات - ئۆگىنىش بازىلىرى، قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، توردا ئالقىشلانغان مەنزىرە نۇقتىلىرىغا چوقۇم بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، يەنە تەتقىقات - ئۆگىنىش قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ، ئائىلىۋى ساياھەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا، قىزىقارلىققا ئىگە قىلىدۇ.

ئون ئېسىل لىنىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا: مەركىزىي شەھەر بۇلۇت ساياھىتى، كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش − ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش لىنىيەسى؛ جىمىسار - گۇچۇڭ - مورى بۇغدايلىق سەپىرى − ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ئىككى كۈنلۈك ساياھەت قىلىش لىنىيەسى؛ غەربكە سەپەر خاتىرىسى . قەشقەر سەپىرىدە سۈرەتكە تارتىشنى ھېس قىلىش ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ يۇلتۇزلۇق كېچىلەردە دالىدا قونۇش، داخەيداۋدىن كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ تىيانشان چوققىسىدىن ھالقىش، مايتاغ - كۇچادىن كېسىپ ئۆتۈش بەش كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ ئوتلاق گۈل دېڭىزى. ئىلى سەپىرىنى سۈرەتكە تارتىش بەش كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ مۇز ۋە ئوت كاتتا زىياپىتى. جاھان كېزىش بەش كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ چۆچەكلەر دۇنياسى. تەتقىقات - ئۆگىنىش، سەيلە قىلىش سەپىرىنى سۈرەتكە تارتىش بەش كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ شىمالىي شىنجاڭ مەنزىرىسى. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھەت سۈرەتچىلىكى بەش كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ مەنزىرىسى. قەدىمكى غەربىي يۇرتنىڭ سىرىنى ئىزدەش ئالتە كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىدىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى