تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرىنى ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىش تولۇق قاپلىدى

شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى ھەم ئالدىن كېلىشىش سىستېمىسى ماس قەدەمدە تورغا چىقىرىلدى

A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرىنى ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىش تولۇق قاپلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، «شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت» باشقۇرۇش سۇپىسى ھەم «شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش» سىستېمىسىنىڭ توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە توردا ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى باسقۇچقا كىردى.

«شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش» سىستېمىسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىغا تايىنىپ، ئالدىن كېلىشىش، بېلەت سېتىۋېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مەشغۇلاتلارنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى «شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق، ئەمەلىي ۋاقىتلىق توردا ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ساياھەتچىلەر ۋېيشىندا «شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش» كىچىك پىروگراممىسىنى بىۋاسىتە ئىزدەپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 440 مەنزىرە رايونى، بىڭتۇەندىكى 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 18 مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىسىدە «شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىشكە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە «شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى زاكاز قىلىش، توردا چىقىم قىلىش، بېلەت تەكشۈرتۈپ كودنى سىكاننېرلاپ باغچىغا كىرىش قاتارلىقلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ئالدىن كېلىشىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.

«<شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنى ئالدىن كېلىشىش> سىستېمىسى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ <چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇش> تەلىپىگە يېتىشىگە كۈچەپ ياردەم بېرىپ، <ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلىش>نى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت باشقۇرۇشىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئىنچىكىلەشتۈرىدۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلېلىم.

«شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت»ىنىڭ1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە 2018 - يىلى تۈر تۇرغۇزۇش باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر مەركەز، ئىككى سۇپا» (ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى، ئاقىل ساياھەت ماركېتىڭى ھەم مۇلازىمەت سۇپىسى) يادرولۇق قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت» باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى «بىر مەركەز، ئىككى سۇپا»نىڭ ھەممىسىنىڭ توردا ئەمەلىي قوللىنىلىپ، شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«<شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت> باشقۇرۇش سۇپىسى بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، AR/VR، ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق زامانىۋى ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر، تىجارەت سودىگەرلىرى، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى، OTA قاتارلىق ساياھەتكە چېتىشلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار كەسىپ كۆزىتىش سۇپىسىنىڭ ھەرىكەت ھالىتى ئارقىلىق، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ساياھەتچىلەرنى قولايلاشقان، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى مېڭ تونۇشتۇرۇپ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئاقىل ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «بىر مەركەز، ئىككى سۇپا»نىڭ ھەممىسىنىڭ توردا ئەمەلىي قوللىنىلىشى شىنجاڭنىڭ ساياھەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئۇچۇرلاشقان، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۇسۇلغا قاراپ مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى