تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خۇڭگۇاڭ كەنتىدە ئادەملەر ئىناق، مەنزىرە گۈزەل

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جيەنجۈن

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مۇخبىرلار مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇرما يېزىسى خۇڭگۇاڭ كەنتىگە بارغاندا، يېپيېڭى ئەمىن ئۆيلەر، ئالدىراشلىققا تولغان كىيىم - كېچەك زاۋۇتلىرى، گۈللەنگەن باقمىچىلىق مەيدانلىرى بىلەن ئىناق، گۈزەل كەنت كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. توققۇز مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كەنت ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ كەنتتە ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ئورتاق ياڭراتتى.

كەنت ئاھالىلىرى خۇددى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك بولۇپ كەتتى

تۈن پەردىسى يېيىلىشى بىلەن، خۇڭگۇاڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانى قىزىپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرى شادىيانە كۈيلەرگە جور بولۇپ گاھىدا ياڭگىر ئوينىسا، گاھىدا مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان خۇڭگۇاڭ كەنتى ئىلگىرى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان چۆللۈك ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن بۇ يەرگە كېلىپ، يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇردى.

خۇڭگۇاڭ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى تىلغا ئالغاندا ئابلىز مەمەت بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھەر مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىر قازاندا تاماق يەيتتۇق، بىر گەمىدە ئۇخلايتتۇق. ھازىر كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى، كۆپچىلىك يەنىلا ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئەنئەنە ئىزچىل ئۆزگەرمىدى».

تۇنىسا ئەبەي كەنت ئاھالىسى جاۋ ۋېنمىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇغداي سامىنى، كۆممىقوناق شېخىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، ئازراق سېتىۋېلىپ قويىغا يەم قىلىپ بەرمەكچى بولدى، جاۋ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: «سىزگە لازىم بولسا مەن بېرەي.» تۇنىسا ئېلىشتىن خىجىل بولدى، ئويلىمىغان يەردىن جاۋ ۋېنمىڭ بۇغداي سامىنى ۋە كۆممىقوناق شېخىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

«ئۇنىڭ ئۆيىدە كېسەل ئادەم بار، پۇل خەجلەيدىغان يېرى كۆپ، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن» دېدى جاۋ ۋېنمىڭ.

«خۇڭگۇاڭ كەنتىدە، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، سەمىمىي بولسىلا، چىن قەلبكە ئېرىشەلەيدۇ؛ دوستانە بولسىلا، ئىناق ئۆتەلەيدۇ» دېدى خۇڭگۇاڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نەن گۇاڭلۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئائىلىلەر باياشات، ئادەملەر ئىناق، كەنت گۈزەل بولۇش خۇڭگۇاڭ كەنتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالدى. 2019 - يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 450 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى؛ پۈتۈن كەنتتىكى 144 ئائىلە بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، 236 ئائىلە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى...

ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى قەلبلەرگە چوڭقۇر ئويۇلدى

خۇڭگۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا، «خۇڭگۇاڭ كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھدىنامىسى» پۈتۈن بىر تامنى ئىگىلىگەنىدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھدىنامىسى 2013 - يىلى كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا مەيدانغا كەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپچىلىك تەستە قولغا كەلگەن دېيىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، كىشىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاڭلىق بويسۇنۇپ كەلگەن «قائىدە»لەرنى يېزىپ چىقىپ تامغا چاپلىدى: چوڭ بايراملاردا ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىش، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىغا ئۆزئارا قاتنىشىش، ئۆرپ - ئادەتلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، جىددىي، قىيىن، مۈشكۈل، جاپالىق ئەھۋاللاردا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلغار مەدەنىيەت، تېخنىكىلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش...

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھدىنامىسىنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا بىردەك ماقۇللاندى، بارلىق كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە ئەھدىنامىگە ئىمزا قويدى.

ئۆتكەن يىلى 3 - ئاينىڭ بېشىدا، كامىل ئەمىن ئۆي سالغانلىقتىن، يېنىدا كۆپ پۇل قالمىغانىدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىناي دەپ قالدى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا پۇلى يوقلۇقىدىن ئۇنىڭ بېشى قاتتى. خۇڭگۇاڭ كەنتى بازىرىدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى ئاچقان فەن چيۇڭپېڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كامىلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مۇنداق دېدى: «خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق، سولياۋ يوپۇقنى خالىغانچە ئېلىڭ، پۇلنى يىل ئاخىرىدا بەرسىڭىز بولىدۇ.» كامىل ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، خۇشاللىقىدىن فەن چيۇڭپېڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كەتتى.

بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەر خۇڭگۇاڭ كەنتىدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى بىر - بىرىنى ئاللىقاچان ئۆز ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭلىسى دەپ بىلىدىغان بولۇپ كەتتى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا، مەن چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلايمەن.» كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جېنگو كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك سۆزىنى قىلدى. سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزى قىلالايدىغان ئىتتىپاقلىققا ئائىت كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش خۇڭگۇاڭ كەنتىدە ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.

ياخشى ئىش ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

ھەر يىلى، «خۇڭگۇاڭلىق ياخشى ئادەم» 81 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەمەت يىلەك پۈتۈن كەنتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەكىللىرىنى مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ، بۇ ئىشنى ئۇ 30 نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى.

ئەينى ۋاقىتتىكى قارارىنى تىلغا ئېلىپ مەمەت بوۋاي مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 5 - ئاينى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ، مەن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىدىم: ھەر يىلى 5 - ئايدا كەنتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلەرنى مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم».

ياخشى ئادەم ئەخلاق - پەزىلەتكە يېتەكلەيدۇ، ياخشى ئىش ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خۇڭگۇاڭ كەنتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «پۇقرا نەمۇنىچى»لارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن روھنى تاۋلاپ، ئاساس سېلىپ، ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

شەندۇڭدىكى كارخانىچى كەنتكە كېلىپ چىلان پىششىقلاش زاۋۇتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چىلان تىكىشكە يېتەكلەپ، 6000 مولۇق كۆلەمنى شەكىللەندۈرۈپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمنى 1000 يۈەندىن ئاشۇردى؛ سىچۇەنلىك بېيىش ماھىرى كەنتكە كېلىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 20 نەچچە ئائىلىلىك نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى؛ خۇنەنلىك ئەر - خوتۇن يازغۇچى چېن فېيپەي، زېڭ لىجۈەن كەنتكە كېلىپ ئىككى ئايدىن كۆپرەك زىيارەت قىلىپ، «سەرگۈزەشتەم، مېنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلەم» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنى يازدى، يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ «خۇڭگۇاڭلىق ياخشى ئادەم»نى بېيجىڭ، شاۋشەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى...

ئەخلاق دەرسخانىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىش... خۇڭگۇاڭ كەنتىدە، «ياخشى ئادەم مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى ئادەم روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. «ياخشى ئادەم بولۇش ئەھۋالى» باشلانغان چاغدىكى توپ - توپ «تەشتەك مەنزىرىسى»گە ئوخشاش كىچىك ئىشلاردىن تەرەققىي قىلىپ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان بىر قاتار «مەنزىرە»لەرگە ئايلىنىپ، قۇدرەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى