تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن لۇجياۋۋەندە بۇغا توپى قايتا پەيدا بولدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئۆز مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ يىڭ، ئېسىلتاي قايىرجان خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونىدىكى بىر يايلاقتا، ئۈچ ياۋا بۇغا بەخىرامان ئوتلاۋاتاتتى، يېقىن ئەتراپتىكى تىۋىشنى ئاڭلىغان ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراقتىن ئۆزلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ قويۇپ، ئاندىن داۋاملىق بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە «مەززىلىك تائاملار»دىن ھۇزۇرلاندى.

«تۇنجى قېتىم ياۋا بۇغا بىلەن بۇنچە يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم.» ساۋەن ناھىيەسى لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى ئېسىلتاي قايىرجان كىچىك ۋاقتىدا چوڭلاردىن لۇجياۋۋەندە ئىلگىرى بۇغىلارنىڭ توپ-توپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى چوڭلار تەسۋىرلىگەن شۇ مەنزىرىنى كۆرەلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ساۋەن ناھىيەسى لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ شۈگۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى يىلدا نۇرغۇن خىزمەتچىلەر بۇغىلار توپلىشىپ ئوزۇق ئىزدەۋاتقان ئەھۋالنى كۆرگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ، لۇجياۋۋەن يادرولۇق رايونىدىكى 11 مىڭ مو ئوتلاقتا چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ھەم ئۈچ يىل ئىلگىرى چارۋا بېقىشنى چەكلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرغان، «بۇ بىر قانچە يىلدا، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، خىزمەتچىلەر چارلاش جەريانىدا، دائىم سۇغۇر، ياۋا توڭگۇز، بۇغا، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرەلەيدىغان بولدى» دېدى ئۇ.

ئىگىلىنىشىچە، لۇجياۋۋەن ئىلگىرى تىيانشان بۇغىسى كۆپىيىپ ياشايدىغان جاي بولۇپ، توپ-توپ بۇغىلار ھەر يىلى بىر قېتىم مۈڭگۈز قېپى تاشلىغاندا تاغ جىلغىسى، سۇ بويلىرىدا زور مىقداردا بۇغا مۈڭگۈزى قېپى تاشلىنىپ قالىدىكەن، شۇڭا بۇ يەرنىڭ ئىسمى لۇجياۋۋەن دەپ ئاتالغان ئىكەن. ساۋەن ناھىيەسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ھازىر مەنزىرە رايونىدىكى ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىلگىرىكى 60 نەچچە خىلدىن 359 ئۇرۇقداش، 875 خىل (ئۆزگەرگەن تۈر، كەنجى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا كۆپەيگەن، تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلار 159 خىلغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان تۆت خىل بولۇپ، يىلپىز، قارا لەيلەك، سېرىق بۈركۈت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان 42 خىل بولۇپ، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، بۇغا، ئۇزۇن قۇلاق مۈشۈكياپىلاق، ئارقار قاتارلىقلار بار ئىكەن. 

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى