تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن: رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىش پەيزاۋاتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ساۋەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن زېڭ جاۋمېي خەۋىرى): بۇ ئىككى كۈندە، پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن ياڭاق مېغىزى قىستۇرۇلغان ئۆرۈك قېقى، قۇرۇق مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، پەيزاۋات چىلىنىيالپاقچىسى قاتارلىق 10 نەچچە خىل قۇرۇق مېۋە ساۋەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە تىزىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  «نامراتلارنى يۆلەش سوۋغات خالتىسى ئىچىدىكى ھەرخىل قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ ئورالمىسى نەپىس، ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن. بۇ سوۋغات خالتىسىنىڭ باھاسى ئەرزان، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرگە سوۋغاتلىق قىلىشقا ماس كېلىدىكەن، مەن دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا كۈچ قوشىمەن» دېدى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ساۋەن ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ سۇيەن.

  ساۋەن ناھىيەسى بۇ يىل رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رايون ئىچىدىكى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشۇشى ئۈچۈن، ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە، ئېلېكترونلۇق سودا يولى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ۋە داڭقى چىقىرىلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇلدى.

  ساۋەن ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى زېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئېلېكترونلۇق سودا يولى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ 1 مىليون 850 مىڭ يۈەنلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋالدۇق».

  ساۋەن ناھىيەسى بۇ يىل رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بەش مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 10نى بېكىتكەن، ھازىرغىچە يەتتە تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەن؛ كەسىپى تېخنىكا خادىملىرىنى پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتكەن؛ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 343 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن؛ ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» جەمئىيىتى پەيزاۋات ناھىيەسىگە 30 مېھىر-شەپقەت سومكىسى، 40 دانە كۆز ئاسراش چىرىغى سوۋغا قىلغان، 35 نامرات مېيىپ بالىغا 10 مىڭ 500 يۈەن مېھىر-شەپقەت ئىئانىسى بەرگەن.

  كېيىنكى قەدەمدە، ساۋەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كېڭىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىككى جايدىكى كارخانىلارغا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ، سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيەلىك مەدەنىيەت، ساياھەت ئىدارىسى بىلەن پەيزاۋات ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى