تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چەرچەن ناھىيەسى: يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىش يولىنى ئاچتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر چېن شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇۋ سىچىن): «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا خىزمەت تېپىپ بەردى، ئۈچ ئايلىق كىرىمىم ئائىلىمىزنىڭ بىر يىل يەر تېرىپ قىلغان كىرىمىگە تەڭلىشەيلا دەپ قالدى» دېدى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى ئاقتىكەندۆڭ يېزىسى توغراقئېغىل كەنتىدىكى ئۈمىدجان غالىپ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇشال ھالدا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق باج ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى.

     ئۈمىدجان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى تۈر بۆلۈمىدە ئىشچى بولۇپ، تۆمۈريول بويىغا يانتۇلۇقنى قوغداش خىشى ياتقۇزدى، خىزمەت ئورنى كەنتكە بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى.

    بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «بىز ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، كەنتتىكى 59 ئاھالىگە خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىش ئورنىنى قولغا كەلتۈردۇق، ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى».

    خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر كەنت كادىرىنى قۇرۇلۇش ئورنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى ئارقا سەپ كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىشلەمچىلىك جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. خىزمەت ئەترىتىمۇ قۇرۇلۇش ئورنىغا قەرەلسىز بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارغا كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى ھەمدە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى غەمدىن خالاس قىلدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاممىۋى خىزمەت پونكىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىش ئورنىغا قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىم سەپلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىدىن مەسلىھەت بېرىپ، ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرىگە ئىش ئورنى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

   ۋاڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «بىز ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىغا ياردەم بېرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى