يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شىسى 168-تۇەنى «ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇقنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى. ئاممىنىڭ ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ، مەدەنىي غىزالىنىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، بۇ تۇەن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۇەن ئىشتابى، بازار، ئولتۇراق رايون قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان رايونلاردا «ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇقنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىپ، ئاممىغا ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلدى.
«ئۆيىمىزدە ئىزچىل ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىمىز، مەنمۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنى مۇشۇنداق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن» دېدى ئاھالە لى داچېڭ تەشەببۇسنامە ۋە ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇقنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىمىز، باشقىلارنىڭمۇ ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولىمىز». ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىدە جەمئىي 500 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىلغان. بۇ تۇەن يەنە «ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇقنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان، مەھەللە (ليەندۈي)، ئولتۇراق رايون، بىنا، ئائىلىلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ ئائىلىلەرنىڭ ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشكە بولغان تونۇش تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئائىلىلەرنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى