تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۇ رۇڭجى): قۇرۇلۇش تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچىدە تۆۋەندىكى يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۇ توختايدىغان رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن سۇ تەييارلىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى.
7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 10:00دىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 10:00غىچە، چاڭجياڭ يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، ياڭزىجياڭ يولى بويىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا سۇ توختايدۇ.
7-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10:00دىن 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 10:00غىچە، بېيجىڭ يولى(سۇجوۋ يولى-قەشقەر غەربىي يولى)، تەييۇەن يولى(سۇجوۋ يولى-قەشقەر غەربىي يولى)، خېنەن غەربىي يولى(بېيجىڭ يولى-تەييۇەن يولى)، جۇڭيا جەنۇبىي-شىمال يولى بويىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا سۇ توختايدۇ.