تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2020-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى «ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرى» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى شىمىگۇ رايونى چىداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كۆرگەزمە مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكى)دىكى ئارتىسلار مەھەللە ئاھالىلىرىگە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەردى. ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوندىن چىقمايلا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى «ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرى» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنىنى قويۇشقا ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكى) مەسئۇل بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا 80 مەيدان ئويۇن قويۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيە، مەھەللىلەرگە بېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە مەدەنىيەت چوڭ سوۋغىسىنى يەتكۈزدى.
ئۈرۈمچىدە «ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرى» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى مەھەللىلەرگە كىردى
مۇھەررىر :
古力皮牙.阿布力孜
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/07/09 15:51
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.