تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىرىمىز يۆ ۋېنلىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھەرلىك ساياھەتچىلەرنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ساياھەتچىلەرنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ساياھەتچىلەرنى بىرتۇتاش كۈتۈۋېلىش، بىرتۇتاش ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانجىغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنى ئۆزى ساياھەت قىلىش، ئىدارە كوللېكتىپ ساياھىتى، ساياھەت ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، ساياھەتچىلەرنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزىدە ئالمىشىش، بېلەت زاكاز قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، سانجى شەھىرىنىڭ ساياھەت كەسپى مۇلازىمىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئوبراز كۆزنىكىگە ئايلىنىپ، ئۈرۈمچى-سانجى ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ.
سانجى شەھەرلىك ساياھەتچىلەرنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى ياجۇڭ چۇاڭجى شەھەرچىسى B بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش رايونى، خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە رايونى، ساياھەت كوپىراتىپى مۇلازىمەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ.
سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى