تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ كۇن خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شياڭسىخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەت كېمىسى كۆل يۈزىدە يۈرمەكتە. ياز پەسلىدىكى يەنجى ناھىيەسىدىكى شياڭسىخۇ كۆلىدە زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، كۆپكۆك ئاسمان، ياپيېشىل قۇمۇش بىر گەۋدىلىشىپ تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شياڭسىخۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ساياھەت، ئىستراھەت قىلىدىغان، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ياۋا قۇشلارنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش مەشىقى بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.