تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئائىت يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش ئۇپرىما ماتېرىياللارنى تىزگىنلەش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئائىت يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى توغرىسىدىكى يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، سۈپەت - ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇش كېرەك. تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىش؛ تىرىشىپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى قوغداشنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش؛ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش ئۇپرىما ماتېرىياللىرىنى تىزگىنلەش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش؛ تىرىشىپ ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان ئاشلىق زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى پائال پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتىنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە تىرىكىگە ئىگە قىلىش؛ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئىسلاھات ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.