تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلدى

ئۈرۈمچىدە:

تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسى ئىچىدە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ تۆكۈش، يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش، مەنبەدىن مىقدارنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 46 شەھەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، مىقدارنى ئازايتىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە تەدرىجىي، تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى. ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بويىچە كۆپ دەرىجىلىك خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى، شەھەر، رايونلاردىكى ئىدارىلەرنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ «مىقدارنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاشتۇرۇش» خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلار، ئالاقىدار كارخانىلارنى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەجبۇرىي تۈرگە ئايرىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2019 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 34 ئولتۇراق رايون قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، يەنە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئولتۇراق رايوندىن 220نى قۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. 2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 850 ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرگە ئايرىيدىغان ئەخلەت ئۆيى، 30 مىڭدىن ئارتۇق تۈرگە ئايرىش ئەخلەت تۇڭى، 131 ئاشخانا ئەخلىتى ئاپتوموبىلىنى خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش خىزمىتى تاماملاندى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش 2 - قارارلىق تۈرىدە شەھەرلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۈر تۇرغۇزۇشى ۋە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى دوكلاتىنى تەستىقلىشى تاماملانغان بولۇپ، تۈرگە ئايرىش ئەخلەت تۇڭىدىن 98 مىڭ 400ى، تۈرگە ئايرىش ئەخلەت ئۆيىدىن 694ى، ئاشخانا ئەخلىتى ئاپتوموبىلىدىن 222سى، باشقا تىپتىكى ئەخلەت ئاپتوموبىلىدىن 162سى سېتىۋېلىنىپ سەپلىنىدىكەن، ئاشخانا ئەخلىتىنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتى (ئەسلىھەسى) ۋە چوڭ ئەخلەتلەرنى ئالدىن بىرتەرەپ قىلىش پونكىتىدىن جەمئىي 30ى يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن، ئۆزگەرتىلىدىكەن ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىكەن. 2 - قارارلىق تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلىنىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە يىغىش، يۆتكەپ توشۇشنى يولغا قويۇش كۈنسېرى مۇكەممەللىشىدىكەن.

ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش، كەنت - بازارلارغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كۈنسېرى كېڭەيتتى، ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشتىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ۋە قاتنىشىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى