تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2020-يىللىق دۆلەتلىك قانۇن كەسپى بىر تۇتاش سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىملاش 7-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىدۇ

    نۇر گېزىتى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 2020-يىللىق دۆلەتلىك بىر تۇتاش قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، ئوبيېكتىپ سوئال ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 10-ئاينىڭ 31-، 11-ئاينىڭ 1-كۈنلىرى؛ سۇبيېكتىپ سوئال ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2020-يىللىق دۆلەتلىك بىر تۇتاش قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتى، ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، جاپالىق، چەت-ياقا رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللىشىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ھەربىي مەكتەپلەردىكى 2021-يىلى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوخشاش دەرىجىدىكى ئوقۇش تارىخى بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ماگىستىر ئاسپرانتلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەندىن ئىبارەت بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.

    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن يەككە پەن نەتىجىسى تولۇق لاياقەتلىك بولغان ھەمدە شۇ يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالغانلار بۇ يىللىق قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ، توردا تىزىملاتقاندا «يەككە پەن نەتىجىسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات»نى تولدۇرۇشى ھەمدە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، «يەككە پەن نەتىجىسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش ۋەدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى