تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوشۇت ناھىيەسىدىكى 61 مىڭ مو بۇغدايلىقتا ئورما ئورۇش باشلاندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يالقۇن قادىر، باتۇناسىن، لى پېڭجۈ خەۋىرى) ھازىر، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىدىكى 61 مىڭ مو بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ ئورۇش مەزگىلىگە كىردى. شۇ جاي بۇغداي ئورۇشقا پايدىلىق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار بىلەن بۇغدايلارنى جىددىي ئورۇشقا تەشكىللەپ، ھەر بىر دان بۇغداينىڭ ئامبارغا كىرىپ، بۇغداي تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بايىنغولىن ئوبلاستى چىڭسىخوزا دېھقانچىلىق مەيدانى 2-شۆبە مەيدانىنىڭ بۇغدايلىقىدا ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، بىرلەشمە كومبايىنلار ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنى ئىچىدە ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى كەن خۇيۈەن ئىلگىرى لازا، شوخلا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىيتتى، بۇ يىل كەن خۇيۈەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق تېرىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 200 مو كۈزگى بۇغداي تېرىدى. شۇ كۈنى، ئۇ خوشۇت ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ئارقىلىق يازلىق ئاشلىق كومبايىنى تېپىپ كېلىپ، بۇغداينى بالدۇر يىغىۋالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مو بېشىدىن 550 كىلوگرامدىن ئارتۇق ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، خوشۇت ناھىيەسىدە بۇغداي ئورۇش خىزمىتى ئەۋجىگە چىقتى. مۆلچەرلىنىشىچە 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى