تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجې خەۋىرى، سۈرەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى تەمىنلىدى): 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، تاكسى كىرا قىلىپ بىكار بولغان تاكسى شوپۇرى جۇ خۇڭ ئاپتوموبىلنى قايتا-قايتا سۈرتتى. «ئالدىن تەييارلىقنى پۈتتۈرۈۋالسام، ۋاقتى كەلگەندە دېزىنفېكسىيەلەپ بولۇپلا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيمەن.» جۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى» پائالىيىتىگە قاتناشقىنىمدىن بەكلا خۇشالمەن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شەھەرنىڭ يولۇچى توشۇش كەسپى «ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى»نى قانات يايدۇرغان 17-يىلى ئىكەن. قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 4542دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى پائالىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتقان.
7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، تاكسى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنقى شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىغا «ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى» دېگەن خەتلەر چاپلىنىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش ياكى يول ياقىسىدا ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلىنى توسۇش ئارقىلىق قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تاكسى شوپۇرلىرىنى ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدىن ئۆتكەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، سىگنال ئۇرماسلىققا ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىللارنى پات-پات دېزىنفېكسىيەلەپ، ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، كەسىپكارلارنى پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاشقا، تىجارەت-تىرانسپورتى ئاپتوموبىللىرىنى يېتەرلىك ماسكا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەشكە ئەسكەرتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2004-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يولۇچى توشۇش كەسپىدە ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تاكسى شوپۇرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائالىيەتكە قاتنىشىپ، قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئۆتكەن 16 يىلدا ئۇدا قانات يايدۇرۇلغان «ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى» پائالىيىتىدە، جەمئىي 38 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچى توشۇلۇپ، 219 مىڭ كىلومېتىر مۇساپە بېسىلىپ، 449 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاكسى كىرا ھەققى ئېلىنمىغان.