تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە، برونتوگۇس): 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېلىق تۇتۇش توختىتىلغىنىغا 120 كۈن بولغان شىنجاڭ باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇش رەسمىي باشلاندى.
بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، شۇ جاي ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان ۋاقتنى باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلى قىلىپ بەلگىلىگەن، بۇ يىل كۆلنىڭ ئېچىلىشى بىر ھەپتە ئەتراپىدا كەينىگە سۈرۈلدى، كۆلدە بېلىق تۇتۇش ۋاقتى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ باغراش كۆلىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى بېلىقچىلار تور تارتىپ بېلىق تۇتماقتا.(ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى)
شۇ كۈنى، شىنجاڭ باغراش كۆلىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى بېلىقچىلار تور تارتىپ بېلىق تۇتتى، شۇنداقلا بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى شىنجاڭ باغراش كۆلىدىكى ھەر قايسى بېلىق تۇتۇش نۇقتىلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى، چوڭ توردا بېلىق تۇتۇش نەق مەيدانىدا كىشىلەر بېلىق تۇتۇۋاتقان، بېلىقلار سەكرىشىۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
شىنجاڭ باغراش كۆلىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى بېلىقچىلار تور تارتىپ، كۆپ بېلىق تۇتقاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە باغراش ناھىيەسى بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىدە مەخسۇس تۈزەش، سۈنئىي كۆپەيتىش، قويۇپ بېرىش، «ئادەم قويۇپ بېرىش، زېمىن بېقىش» قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، باغراش كۆلىدىكى بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.
ئىگىلىنىشىچە، باغراش كۆلىدە 32 خىل بېلىق تۈرى بار بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 4000 توننىدىن ئاشىدىكەن، شىنجاڭ، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدىكەن.