7-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇاڭشى ياڭشو ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئاھالىلەر ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ سېلىنغان پۇقراۋى قونالغۇ مېھمانسارىيى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياڭشو ناھىيەسى گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، گۇيلىننىڭ شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تاغ، سۇ مەنزىرىسى ۋە ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت خاس، ئېسىل پۇقراۋى تۇرالغۇ كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى ساياھەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇاڭشى ياڭشو ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان تاغ باغرىغا جايلاشقان پۇقراۋى قونالغۇ (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىككى ساياھەتچى گۇاڭشى ياڭشو ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ بالكونىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر قانچە ساياھەتچى گۇاڭشى ياڭشو ناھىيەسى غەربىي كوچا مەنزىرە رايونىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدىن چىقماقتا.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇلازىملار گۇاڭشى ياڭشو ناھىيەسىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدا ئالدىراش بولماقتا. ئۇلار ياڭشو ناھىيەسى ياڭشو بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان لىجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان گۇاڭشى ياڭشۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي كوچىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ يىمىڭ فوتوسى)