7-ئاينىڭ 1-كۈنى، تىيانشان ئېتىكىدىكى شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسى كۆجەي بازىرى تۈڭگە كەنتىدە، مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلدى. يىراقتىكى ھەيۋەتلىك بوغدا چوققىسى بىلەن ئالتۇن رەڭلىك قىچا گۈللىرى كۈچلۈك رەڭ سېلىشتۇرمىسى ھاسىل قىلىپ، خۇددى بىر پارچە تەبىئىي ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالدى، گۈللەر ئىچىدە تۇرغاندا، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئېلىپ، كىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادىلىك ئېلىپ كەلدى.
ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك، كىلىمات ئامىللىرى تۈپەيلىدىن، يازدا تۈڭگە كەنتىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30قا يەتمەيدىغان بولۇپ، ھاۋاسى ساپ، سالقىنداپ ئىسسىقتىن ساقلىنىشقا ماس كېلىدۇ. كەنتتە، ساياھەتچىلەر تىيانشان تېغى، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، يايلاق قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار قاتارلىق نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.