تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مۇھىم، زور تەرەققىيات مەسىلىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى قوغداپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى ئاسراش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تىزگىنلەش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجراسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆكيار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇلاپ ئىشلەپ، يېشىللىقنى ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نوپۇس، بايلىق، مۇھىت بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.