تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا e كۇنۇپكىسىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 9دا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا بىر كۈنلۈك ئالدىراش رىتىم باشلاندى. جەنۇبىي دەرۋازىدىكى كىرىش ئېغىزىدا، تىجارەتچىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ كىرىشكە باشلىدى، چوڭ - كىچىك ئاپتوموبىللارمۇ تىزىلىشىپ كىرىۋاتاتتى. قوشۇمچە يېمەكلىكلەر رايونىدا، ئەمدىلا كىرگەن تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتاتتى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر كۆزنەكلىك يېمەكلىك سېتىۋېلىش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ 2019 - يىلىدىكى يۈك كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 750 مىڭ توننىدىن ئاشتى، سودا سوممىسى 10 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

جەنۇبىي دەرۋازىغا يانداش بىنانىڭ كەينى تەرىپى ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ سوغۇق ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنىڭ يادروسى. بۇ يەردە ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 150 مىڭ توننا كېلىدىغان ئىككى غايەت زور توڭلىتىش ئىسكىلاتى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، دېزىنفېكسىيەلەش تاماملانغاندىن كېيىن، 100دىن ئارتۇق يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ، ئالتە ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا، ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر كېلىدىغان سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا يۈك قاچىلاۋاتاتتى. خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن لىنلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ سوغۇق پېتى توشۇشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلاپتۇ، يەنە بېيجىڭ، جىنەن، جېڭجوۋ، شىئەن قاتارلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەردە ئالماشتۇرۇپ توشۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپتۇ.

ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار رايونىدا دائىم مال سېتىۋالىدىغان شەھەر ئاھالىسى يۈ شياۋيەن تىزىپ قويۇلغان تاۋارلارنىڭ ئىلگىرىكىگە خېلىلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى. «ئىلگىرى ھەممىسى بەش كىلوگىرامدىن ئون كىلوگىرامغىچە بولغان چوڭ ئورالما ئىدى، پارچە سېتىلمايتتى. ھازىر ئائىلىلەرگە ماس كېلىدىغان كىچىك ئورالمىلار بار بولۇپتۇ، تۈرى كۆپ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن.» يۈ شياۋيەننىڭ قولىدىكى بىر خالتىسى 600 گىرام كېلىدىغان دەييۈ نەپىس ئورالغانىدى.

«ئۆيدە شورپا سېلىپ، چۆپ پىشۇرغاندا، خەيشىن بېلىق كۇمىلىچىنى ئۇنتۇپ قالماڭ» «پۈتۈن شىنجاڭدىن جەمئىيەت توپىدا مال تونۇشتۇرىدىغان، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھىنى قوبۇل قىلىمىز»... كۆزگە چېلىقارلىق بۇ تەشۋىقات سۆزلىرىنىڭ كەينىدىكىسى، ئەمەلىيەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشتۇرۇلغاندىن بۇيانقى تىجارەتچىلەرنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرىدىكى ئۆزگىرىش ئىدى.

«ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش بىزنىڭ زۆرۈر تاللىشىمىز، ئىلگىرى <ئولتۇرۇپ سودا قىلىش> تەپەككۇرى بويىچە، سودىدا چوڭ خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاشقا تايىنىش كېرەك، دەپ قارايتتۇق. يېمەك - ئىچمەك كەسپى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رېئاللىق ئالدىدا، بىز جەزمەن كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.» يۈفېڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى يايمىسىنىڭ تىجارەتچىسى چاڭ مالى مۇنداق تونۇشتۇردى: «خەيخۇڭ يوۋشۈەن» تور سۇپىسىدا، شياۋلۇڭشيا، ياغدا قورۇلغان دەييۈدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەھسۇلاتىمىزنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولدى.

«خەيخۇڭ يوۋشۈەن» بۇ يىل 1 - ئايدا تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەشيا ئوبوروتى پورتى 700دىن ئارتۇق تىجارەتچىنىڭ مەھسۇلاتى ئىچىدىن 300 خىلدىن ئارتۇق سەرخىل مەھسۇلاتنى تاللاپ ساتتى، توردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سانى ۋە سېتىلىش مىقدارى ھەر ئايدا دېگۈدەك ئاشتى.

«يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن توك باھاسىدا ئېتىبار بېرىش ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. توردا پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىدىن بىز پۇرسەتنى كۆردۇق.» يەن لىنلۇڭ مۇنداق دېدى: توردا سېتىش ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن تىجارەتچىلەر مەھەللە، شەخس قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان نىشان توپلىرىدىكى خېرىدارلارنى ئىنچىكە ئايرىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدى. تۈرلىرى تېخىمۇ موللاشتى، ئورۇسى تېخىمۇ كۆركەملەشتى، ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ ئىلگىرىكى پەقەت يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىغىلا قارىتىلغان چوڭ يەشىكلىك توپ سېتىش ئەندىزىسى نەپىس ئورالمىلىق سېتىش ئەندىزىسىگە ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

سائەت 12دە، خەيخۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شەھەرچىسى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بۆلۈمىنىڭ ئىشىكى سىرتىدا، چوڭ - كىچىك ساندۇقلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى، يىغىپ ساقلاشقا مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار بىر تەرەپتىن سىرتقى ئورالمىنى دېزىنفېكسىيە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقى ئورالمىدا بۇزۇلۇش ئەھۋالى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سائەت 18دە، بۇ ماللار ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ. «خەيخۇڭ شاڭچېڭ» «خەيخۇڭ يوۋشۈەن» توردا سېتىش سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلىرى 24 سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ھەمدە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

«بىز تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، <خام، يېڭى يېمەكلىك تاللا بازىرى +يېمەك - ئىچمەك + ئېلېكتىرونلۇق سودا + ئەشيا ئوبوروتى>دىن ئىبارەت يېڭى پارچە سېتىش سودا ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىمىز، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ زور بولىدۇ» دېدى يەن لىنلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى