تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياز كۈنلىرىدىكى تۇرمۇشنىڭ سىمفونىيەلىك نەزمىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېپىڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭسەييۈەن مەھەللىسىدە، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، سالقىندىغاچ پاراڭلاشماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەت قىلماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى شەھىرىدىكى شىنخۇيجيا كەچلىك بازىرىدا تەۋرەنمە كۆۋرۈكنى ھېس قىلماقتا. رەڭلىك چىراغلار يېقىلىشى بىلەنلا، كىشىلەر سودا ساراي - تاللا بازارلىرى، كەچلىك بازارلارغا كىرىپ تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋېلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، كېچىلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى.

(لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ئاھالە ئارزۇگۈل ياسىن بالىسىنى ئېلىپ سەيلە قىلىپ، ياز كۈنلىرىدىن خۇشال بەھرىلەنمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەلمىربوخ بازىرى شەلمىربوخ كەنتىدىكى دېھقان بۇغداي يىغماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

(چۆ·خورە فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى باۋنوڭ «1 - ئىيۇل» كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، يىغىلىش قىلىپ پاراڭلاشماقتا.

(لى خۇا فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر خوتەن كەچلىك بازىرىدا مېۋە - چېۋە سېتىۋالماقتا، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

ياز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭ رەڭدار - كۆركەم، ئامىللىرى مول بولۇپ، دەل بىر تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا، دەل بىر سىمفونىيەلىك نەزمە.

شەھەرلەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، مىغ - مىغ ئادەملەر بىلەن تولۇپ، قۇرۇلۇش ئىش ئورۇنلىرىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، قايناق مەنزىرە نامايان بولاتتى؛ ئېتىزلاردا بۇغدايلار پىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يىغىۋېلىش ئاخىرلىشىپلا شىمالىي شىنجاڭدا يىغىۋېلىنىپ، دېھقانلار تەرلىرىنى سۈرتكەچ كۈلەتتى؛ باغلاردا قۇشلار سايرىشىپ، قۇرت - قوڭغۇزلار چىرىلدىشىپ، مېۋە - چېۋىلەر ئۈن - تىنسىز ھالدا ئىسسىق قۇياش نۇرىنى سۈمۈرۈپ، قەنت تەركىبىنى يىغىپ، ئەڭ ياخشى بولغان شېرىن تەمنى سۇناتتى...

ھاۋا رايىمۇ «ماھارىتىنى كەڭ نامايان قىلدى»، بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا، ئاسماندا بىر پارچە بۇلۇت يوق تۇرۇپمۇ، بىردەمدىلا شارقىراپ يامغۇر يېغىپ، «شار - شار» قىلغان ئاۋازلار ئىچىدە قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى پەسىيەتتى، ياز كۈنلىرى تاغلىق رايونلاردا ئويلىمىغان يەردىن قار يېغىپ، كۆپ خىل ئاجايىپ مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ھەيران قالدۇراتتى.

باغچىلاردا ناخشا ساداسى، مۇزىكا ساداسى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەي، كىشىلەر لەرزان ئۇسسۇل قىياپەتلىرى ئارقىلىق كەيپىياتىنى كۆتۈرەتتى؛ سودا ساراي - تاللا بازارلىرىدا خېرىدارلار سەيلە قىلغاچ مال سېتىۋالاتتى، يېنىك مۇزىكىلار ئازادە مال سېتىۋېلىش مۇھىتى ياراتقانىدى؛ مەنزىرە رايونلىرىدا فوتو ئاپپارات، يان تېلېفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسى ئەڭ ئالدىراش بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلەپ، ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى ساقلاپ قالاتتى؛ كەچلىك بازارلاردا خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مەززىلىك يېمەكلىكلەر زىياپىتى نامايان بولاتتى. كاۋاپنىڭ پىژىلدىغان ئاۋازى قۇلاققا كىرىپ، خۇش ھىدى تەرەپ - تەرەپكە تاراپ، كىشىنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلاتتى.

يېزا تۇرمۇشى شەھەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايتتى، ھەپتە ئاخىرى دەل بازار ئايلىنىدىغان كۈن بولۇپ، ئەر - ئايال، قېرى - ياش «ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇنى - بۇنى يېگەچ» مال سېتىۋالاتتى، يېمەكلىك، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئويۇنچۇق، گۈل - گىياھ ... نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمى ئېشىپ يانچۇقى تومپايغاچقا، پۇقرالار ھەربىر كۈنىنى بايرامدەك ئۆتكۈزەتتى.

تاڭ سەھەردە سۇس تۇمان تارقىلىپ كېتەتتى، چۈشتە ئىسسىق ھارارەت ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، كەچتە سالقىن شامال ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، قۇياش نۇرى ئاستا - ئاستا بىر كۈنلۈك چۈشۈش دائىرىسىنى تاماملىغاندا، كىشىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، سەيلە قىلىش بىلەن ئۆتكەن بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشاتتى.

مۇشۇ ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بوش ئاۋازدا ئېيتىلغان خوشلىشىش ناخشىسى ئەڭ تەسىرلىك ئىدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، يەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كەلدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى خوشلىشىش پەسلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ چاغدا، قاتناش ساقچىسى ھەممەيلەننى يېنىك «ئەسكەرتتى»: ئىمتىھان مەزگىلىدە ئامال بار تىنچلىقنى ساقلاڭ. بۇ چاغدا ئاۋاز چىقارماسلىق ئەڭ ياخشى مېھىر - مۇھەببەتتۇر.

ياز كۈنلىرى خۇددى ناخشىدەك، لىرىك تۇرمۇشنىڭ رەڭدار سەھىپىسىنى ياڭرىتاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى