تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، تەتقىق قىلىنىپ، مەسئۇلىيەت چىڭىتىلىپ، پۇختىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادىل، بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2020 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشىگە دۇچ كەلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى قوغداش ۋە مائارىپ ئادىللىقى ئارقىلىق جەمئىيەت ئادىللىقى - ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى ۋە خىرىسىغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، دەسلەپكى لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىمتىھاننىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، نۇقسانسىز بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىمتىھان بىخەتەرلىكى، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن، تېخىمۇ ئىنچىكە ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھانغا ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئىمتىھان مەيدانىنى دېزىنفېكسىيەلەش ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش مانېۋىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تىنچ - ئامان ئىمتىھان بېرىش، ساغلام ئىمتىھان بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىنىڭ ئامانلىق مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تىرىشىپ بىخەتەر، مۇقىم ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىمتىھان ئادىللىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. قاتناش، ياتاق - تاماق، سەھىيە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش ۋە ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل - ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشەنچلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، قەتئىي يول قويماي، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلىش، ئاتا - ئانىلارنى رازى قىلىش، جەمئىيەتنى رازى قىلىش كېرەك.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى