تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئابلىمىتنىڭ بەختلىك كۈنلىرى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جېڭ جو، لى شىڭ

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى، خوتەن ناھىيەسى ئاھالىسى ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ ھويلىسى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، ئۈزۈم شۇڭلىرى باراڭنى قاپلاپ ھويلا سىرتىدىكى يولغىچە سوزۇلغانىدى، ساپاق - ساپاق يېشىل ئۈزۈملەر ساڭگىلاپ تۇراتتى. «يەنە بىرەر ئايدىن كېيىن، بۇ ئۈزۈملەرنى يېگىلى بولىدۇ. ئۆزىمىز تىككەن، ناھايىتى تاتلىق» دېدى ئابلىمىت كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئابلىمىتنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى خۇددى باراڭغا لىققىدە تولغان ئۈزۈمگە ئوخشاش ئۈمىدكە تولدى. ئۇ ھازىر بىر دورا ياساش شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، خىزمەت ئورنى ئۆيىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا، خىزمەت قىلغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئىشلەۋاتقان بۆلۈمىدە كەسىپ تايانچىسىغا ئايلاندى.

خىزمىتى كۆڭۈلدىكىدەك، ئائىلىسى ئىناق

«ئاپا، ئۆيگە مېھمان كەلدى». ئۆيگە كىرىپلا، ئابلىمىت ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مېۋە يۇيدى، تاۋۇز تىلدى، ياڭاق ۋە قۇرۇق ئۈزۈملەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى. «مەن يېقىندىلا خوتەن شەھىرىدىن ئۆي سېتىۋالدىم، 113 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ناھايىتى كەڭ - كۇشادە. بۇنىڭدىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە بېرىپ تۇرامدۇق ياكى كونا ئۆيدە تۇرامدۇق، ھەممىسى رايىمىزغا باغلىق بولۇپ قالدى» دېدى ئابلىمىت قىزىقچىلىق قىلىپ.

ئابلىمىت دورا ياساش شىركىتىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ، يېقىندا شىركەت ساھە بويىچە تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئابلىمىت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىم ئېغىر، ھەرقانداق بىر ھالقىدا بىپەرۋالىق قىلسام بولمايدۇ.

گەپ ئارىلىقىدا، خىزمەتدىشى تېلېفون قىلىپ بىر ھۆججەت كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ئابلىمىت يان تېلېفونىنى تېز سۈرئەتتە ئېچىپ، خىزمەتدىشىنىڭ كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تېپىشىغا تېزلىكتە ياردەم بەردى. ئابلىمىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالاقە تورى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ خىزمەتتىكى مەسىلىلەرنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغانىدى.

«ھازىر ھەر ئايدا 5400 يۈەن مائاش ئالىمەن، خوتۇنۇم يېقىن جايدىكى يەسلىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ، ئائىلە كىرىمىمىز يامان ئەمەس». ئابلىمىت مۇنداق دېدى: دادامنىڭ پېنسىيە مائاشى بار، ئاكام بىلەن ئاچام ئوقۇتقۇچى، پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى مۇقىم، كۈنلىرىمىز ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتىدۇ.

بىز پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئابلىمىتنىڭ تۆت ياشلىق قىزى پۈتۈن زېھنى بىلەن تېلېۋىزوردىن كارتون فىلىم كۆرۈۋاتاتتى. «بالام مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلىدىكى پىروگراممىلارنى كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ، تېلېۋىزورنى ئاساسەن ئىگىلىۋالدى». قىزچاق ئۆزى توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئابلىمىتنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قويۇۋەتمىدى، يەنە دادىسىنىڭ يۈزىگە چوككىدە بىرنى سۆيدى. «ئۇ ماڭا چاپلىشىپلا يۈرىدۇ، ئامال يوق». ئابلىمىت قىزىنى كۆتۈرۈۋالدى، قىزچاق توختىماي ۋىلىقلاپ كۈلدى.

ئابلىمىتنىڭ ئاپىسى تۇرسۇننىسا ئابدۇلىم ياندا ئولتۇرغان بولۇپ، چىرايى خۇشاللىققا تولغانىدى. «ئوغلۇمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتىنىڭ بولغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئىناقلىقىنى كۆرۈپ، دادىسى ئىككىمىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق». ئوغلىدىكى ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئالغاندا، تۇرسۇننىسا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەگەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەربىيەلەنمىگەن بولسا، ئابلىمىتنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى.

تۇيۇق يولغا ماڭغىلى تاس قالغانىدى

ئابلىمىت خوتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى شۇ جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئابلىمىت كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيە ئالغان بولغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن، جېجياڭدىكى بىر داشۆگە ئۆتۈپ ئوقۇدى.

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئابلىمىت يۇرتىغا قايتتى، قىز دوستى بار بولدى، ئىككىسى توي قىلدى. ئۆي - ئوچاقلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئابلىمىت تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي، ئىزچىل ئۆيدە تۇردى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ يان تېلېفوندا ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان بەزى ئۈن - سىنلارنى كۆردى. دەسلەپتە، ئۇ بۇ مەزمۇنلارغا دىمىقىدا كۈلۈپ قويدى، ئەمما ئەتراپىدىكى ئەسەبىي ئىدىيەسى بار كىشىلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بارغانسېرى كۆپ كۆرىدىغان بولدى، ئاخىر ئاستا - ئاستا خۇمار بولۇپ قالدى.

ئەسەبىي ئىدىيە ئابلىمىتقا تەدرىجىي تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ئەسەبىيلىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇ خوتۇنىدىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى، خوتۇنىنىڭ گىرىم قىلىشىغا يول قويمىدى. ئوخشاشلا داشۆنى پۈتكۈزگەن خوتۇنى ئۇنى چۈشىنەلمەي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دائىم ئۇرۇشىدىغان بولۇپ قالدى، بىرنەچچە قېتىم ئابلىمىت قول تەگكۈزگىلى تاسلا قالدى.

ئوغلىنىڭ بارغانسېرى بېكىنىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاتا - ئانىسى ئىنتايىن تىت - تىت بولدى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى بىلەن، ئابلىمىت خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەربىيەلەندى.

تەربىيەلەش مەركىزىدە، ئابلىمىت قانۇن بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگەندى، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن تونۇپ يەتتى، ئىسراپ قىلىۋەتكەن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىغا ئېچىندى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا خىجىللىق ھېس قىلدى. ئۇ داشۆدە ئوقۇغان بولغاچقا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى يۇقىرى ئىدى، شۇڭا ئۇ باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى.

«ئىلگىرى ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان چېغىمدا، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايتتىم، يەنە نۇرغۇن خاتا ئىش قىلغانىدىم. ئەگەر تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەلەنمىگەن بولسام، بارغانسېرى توزاققا چوڭقۇر چۈشۈپ كېتەتتىم، ھەتتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بولاتتىم، ھازىر ئويلىسام ھەقىقەتەن قورقىمەن» دېدى ئابلىمىت.

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خۇش چىرايىنى كۆرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ

تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئابلىمىت پۈتۈنلەي يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. «ئۆزۈمنى ناھايىتى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، ئىلگىرى گەجگەمنى بېسىپ تۇرغان روھىي كىشەندىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

ئابلىمىت پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلىگەچكە، ياخشى تەربىيە ئالغاچقا، كومپيۇتېر سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنى بىر مەزگىل ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئابلىمىت خىزمەتتە سەۋرچان، ئىنچىكە بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ناھايىتى ئالقىشىغا ئېرىشتى. خىزمەتدىشى روزىگۈل رېھىم ئۇنىڭغا: مەدەنىيەت بىلىمى بار، قانۇن ئېڭى كۈچلۈك، كىم چۈشەنمەيدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلسە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدۇ، دەپ باھا بەردى.

كەنت ئاھالە كومىتېتىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئابلىمىت يېقىن جايدىكى بىر دورا ياساش شىركىتىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىكەنمەن، دەپ قاراپ، كارخانىغا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى بەردى. بىرنەچچە قېتىملىق يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋە يېزىق ئىمتىھانىدىن كېيىن، ئابلىمىت قوبۇل قىلىندى، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئىش ئورنىغا چىقتى. خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئىشقا تېز كىرىشكەچكە، بىر ئايدىن كېيىنلا، ئابلىمىت رەسمىيلەشتى، مائاش تەمىناتى مۇقىم ئاشتى.

تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئابلىمىت خىزمىتىدىن رازى بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىمۇ بەختكە ئېرىشتى. «مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن، ياخشى ئەر، ياخشى ئوغۇل ۋە ياخشى دادا بولىمەن». ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ھازىر ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

ئابلىمىت قورۇسىغا شىنمېي كۆچىتى، ياڭاق كۆچىتى تىكتى، مېۋە بەرگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ خام ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ قۇرۇق مېۋە ۋە سوقماق ياسايدىكەن. «قىزىم بەك ياقتۇرۇپ يەيدۇ». قىزىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، ئابلىمىت يەنە ھويلىسىغا ئىلەڭگۈچ ئاستى، بوش ۋاقتى چىقسىلا، بالىسىنى ئوينىتىدۇ.

«مېنىڭ يېڭى ئۆيۈمگە يېقىن جايدا بىر يەسلى بار، قىزىمنى ئاپىرىش ناھايىتى قولايلىق، كېيىن ئۇنى خوتەن شەھىرىدە ئوقۇتىمەن». ئابلىمىت مۇنداق دېدى: قىزىمنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكە بېرىپ كېلىشتە كۆپرەك يول ماڭساممۇ رازىمەن.

بوش ۋاقىتلىرىدا، ئابلىمىت خوتۇنى، قىزىنى ئېلىپ يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئەتراپتىكى مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ، خوتەن شەھىرىگە بېرىپ سودا سارايلارنى ئايلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەر خىل سوۋغىلارنى سېتىۋالىدۇ. ئابلىمىت مۇنداق دېدى: مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ خۇش چىرايىنى كۆرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، ئۇلار ئۈچۈن تىرىشىپ غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، ئىككى قولۇم بىلەن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى