تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

​كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى)«ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاقارتىلىپ يېڭى تۈسكە كىرگەن بىنالار ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كەتتى، دەرەخ ۋە ئوتلاقلارمۇ كۆپەيدى، بىنالار ئارىلىقىدىكى يوللارمۇ ياسىلىپ بولدى، ئاپتوموبىللار يېڭىدىن لايىھەلەنگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا رەتلىك تىزىلدى، يوللار توسۇلۇپ كەتمەيدىغان بولدى، ھويلىغا يەنە يېڭىدىن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىستىراھەت مەيدانى قۇرۇلدى، دەرەخ سايىسىغا ئارام ئالىدىغان تاش ئۈستەل، تاش ئورۇندۇق ياسالدى، ئولتۇراق رايوندا ئۆزگىرىش بەك چوڭ، باغچىدىن پەرقى يوق» دېدى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 1-تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قوروسىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ خانىم خۇشال ھالدا.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدا جەمئىي 882 ئولتۇراق رايون، ھازىر ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك 475 ئولتۇراق رايون بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئىدارىلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسى، مۈلۈك ئىگىلىرى باشقۇرۇشىدىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسى قاتارلىقلار ئىكەن، بۇ جەمئىي 2821 كورپۇس بىنادىكى 128 مىڭ 500 ئائىلىلىككە چېتىلىدىكەن، دەسلەپكى قەدەمدە، كەلگۈسى بەش يىلدا بۇ ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى مۇھىتى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئولتۇراق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانلانغان. 2019-يىلى، سايباغ رايونى ئاپتونوم رايون بويىچە 187 كونا ئولتۇراق رايوندا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلغان، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش، تام سىرتى ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. 2020-يىلى، خوتەن كوچىسى تەۋەلىك رايونىنى ئاساس قىلغان سەككىز باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى 138 كونا ئولتۇراق رايوننى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ، كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇلارغا 25 لېفىت ئورنىتىپ، تەخمىنەن 550 بىنانىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى، كۆكەرتىش، يورۇتۇش، يول يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىكەن.


 




  



مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى