شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن 2000غا يېقىن كىشىنى ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىكىگە تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رايون(ساھە) خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىلىرى، يېزا-بازار(كوچا باشقارمىسى)، تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)دىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، مەھەللە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىش(مۇلازىمەت قىلىش) مەركىزى(پونكىتى)، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىش ئاپپاراتى، شۇنداقلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا خىزمەت ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى تولۇقلاشنى پىلانلىغان.
بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش ئۇبيېكتى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىدىكى مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىقلار ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشنى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە يولغا قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كونكرېت تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2009-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2016-يىلى «ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزگەن، جايلار چارىدىكى تەلەپ بويىچە، ئۆز رايونىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزگەن. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىيلاشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىسىدىن 1305نى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن.