تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

قوش ئۆگۈز شەھىرى «1-ئاۋغۇست» سۇ ئامبىرىدا كۆكتارغاق بېلىق تۇتۇش بىلەن ئالدىراش

   6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، مۇخبىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شىسى قوشئۆگۈز شەھىرى تەۋەلىكىدىكى 1-ئاۋغۇست سۇ ئامبىرىدا كۆكتارغاق بېلىق تۇتۇۋاتقان مەنزىرىنى كۆپ قېتىم سۈرەتكە تارتىۋالدى. كۆكتارغاق ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ قۇشى بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى قۇشقاچتەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۈمبىسى ۋە يۈزىنىڭ پەيلىرى كۆپكۆك بولغاچقا، كۆكتارغاق دەپ ئاتالغان. كۆكتارغاق ئاساسلىقى تېيىز ساھىللاردا ياشايدۇ، كۆپىنچە كۆلچەك، ئېرىق، ئېقىن بويلىرىدا ئوزۇق تېپىپ يەيدۇ.

   «1-ئاۋغۇست» سۇ ئامبىرىنى 5-شىسى قوش ئۆگۈز شەھىرى باشقۇرىدۇ، ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بورتالا سۇ ئامبىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، سۇ ئامبىرىنى تەڭشەش، قىش پەسلىدە سۇ ساقلاش، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدۇ. «1-ئاۋغۇست» سۇ ئامبىرى، دەريا بويىدا قومۇش ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ بولغاچقا، شۇڭا ھەرخىل قۇشلار كۆپ بولۇپ، كۆكتارغاقمۇ بۇ يەردە ياشايدۇ.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى