تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر شى لىشا): مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ھەر ئادەمنىڭ ئايدا 500 يۈەندىن 650 يۈەنگە، يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ھەر ئادەمنىڭ ئايدا 350 يۈەندىن 550 يۈەنگە ئۆستۈرگەن. شەھەر-يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغانلار، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر، يېتىم بالىلار، قىيىنچىلىقى بار بالىلار قاتارلىق ئوبيېكىتلارنىڭ كاپالەت ئۆلچىمى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈلگەن.

    شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بىخەتەرلىك تورى بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم بولغان تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ قېتىمقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى 4-قېتىم ئۆستۈرۈشى بولۇپ، شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ھەر ئادەمنىڭ ئايدا 255 يۈەن، يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ھەر ئادەمنىڭ ئايدا 335 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

    مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالىتى قاتارلىقلاردا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، شەھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يىللىق يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇتقۇزۇش مەبلىغى تەخمىنەن 12 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە تەخمىنەن 15 مىڭ قىيىنچىلىقى بار ئامما بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كاپالەت دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىدىن 1000ى كۆپەيگەن. 

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يۈ جىيوۋ مۇنداق دېدى: 7-ئايدا كاپالەت دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇچۇرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تېزدىن تاماملىنىدۇ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يېڭى ئۆلچەم بويىچە ئەستايىدىل ھېسابلاپ، دەل جايىدا قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەن تۈرلۈك مەبلەغلەرنى دەل ۋاقتىدا، دەل جايىدا تولۇقلايدۇ. 

   ئالاقىدار تارماقلار تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن باشقا، يەنە داۋالىنىش، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاناھلاندۇرۇش، شۇنداقلا ھەر يىلى چاغانلىق ھال سوراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش، ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، مال باھاسى بەك تېز ئۆرلەپ كەتكەندە، يەنە مال باھا ياردەم پۇلى تارقاتتى.

    2020-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلغۇچىلارغا 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى، 2 مىليون 405 مىڭ 300 يۈەن تارقىتىلدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئائىلە تۇرمۇشىدا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئائىلىلەرگە قارىتا، 4287 ئادەم قېتىم ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى، 1 مىليون 305 مىڭ 300 يۈەن تارقىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى