تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۇچۇڭ ناھىيەسى: باشلامچى توغرا يېتەكلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تېز بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېي خەۋىرى)تازىلىق قىلىش، پۇكەينى ئېيتىش، مال جازىسىنى رەتلەش، شۇ كۈنى كىرگۈزىدىغان ماللارنى بىر-بىرلەپ دەپتەرگە خاتىرىلەش... 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى ليۇشۇخېزا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما بىن ئىلگىرىكىدەك چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرۇپ بۇ ئىشلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىشىكنى ئېچىپ تىجارىتىنى باشلىدى.

 ئىشىكنىڭ ئىتتىرىلىپ ئېچىلىشى بىلەن، چاقنىغان قۇياش نۇرى 60 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ كىچىك تاللا بازىرىغا چۈشۈپ، ئۆي ئىچىنى بىردىنلا يورۇتۇۋەتتى.

  ما بىڭ كىچىك ۋاقتىدا بالىلار پارالىچ كېسىلى سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قېلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ 70 ياشلىق دادىسى ما فۇلىن بىلەن بىرگە ياشايدۇ، تۇرمۇشى قېيىنچىلىقتا بولغاچقا، ليۇشۇخېزى كەنتى ئۇلارنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزگەن.

  ما بىڭنىڭ ئۆيى كەنتنىڭ غول يولىغا يېقىن بولغاچقا، ئۇ بىر دۇكان ئېچىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. لېكىن ئۆي كونا، مال ئاز بولغاچقا، سودىسى ئىزچىل ياخشى بولمىدى.

  بۇ يىل 3-ئايدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ما بىڭنىڭ دۇكىنى يېڭىچە تۈسكە كىردى، تاملىرى ئاقارتىلىپ، يەرگە چاقچۇق ياتقۇزۇلدى، ئەسلىدىكى ھەممە يەردە دۆۋىلىنىپ تۇرىدىغان ماللار جازىغا رەتلىك قىلىپ تىزىلىپ، دۇكان تاللا بازىرىغا ئايلاندى، سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، ئايلىق ساپ كىرىمى مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  «ئۆيۈمنىڭ ئارقا ھويلىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!» دېدى ما بىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدە ئىشەنچ كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ھويلىغا كىرگەندە، يېڭىدىن ياسالغان كۆكتاتلىقتا لازا مايسىسى ئۆسۈپ چىققان، يەنە بىر چەتتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانىدا غەيرىي پۇراق يوق دىيەرلىك، يەر يۈزى پاك-پاكىز تازىلانغان ئىدى. 

  بۇ چاغدا ما بىڭنىڭ دادىسى كىرىپ كەلدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن باقمىچىلىق رايونىغا بېرىپ قوي بېقىپ كەلدىم، تېخنىكلار ئۆگىتىپ قويغان ئۇسۇل بويىچە يەم بەرسەك، قويلارمۇ تېز سەمىرىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدىكەن. ئىككى يىل بۇرۇن، كەنت كومىتېتى بىزگە نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن ئالتىنى تارقىتىپ بەرگەن، ھازىر بۇ قويلار كۆپەيدى. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە ئائىلىمىز نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى».

  ليۇشۇخېزى كەنتىدە 456 ئائىلىلىك 1280 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بەش نامرات ئائىلىلىك سەككىز ئادەم بار. ھازىر، ھەر بىر نامرات ئائىلىگە 10 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن پارتىيە ئەزالىرى نامراتلارنى يۆلەش ئەترىتى ياردەم بېرىدۇ.

  بۇ يىل، ليۇشۇخېزى كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، 76 پارتىيە ئەزاسى نامراتلارنى يۆلەش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ياردەم بەردى.

  ياچېيكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقىدا باشلامچىغا قاراش كېرەك. 2019-يىل 9-ئايدا، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ناھىيە بويىچە ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى جۇ ئائىلىسى ليۇشۇخېزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ليۇشۇخېزى كەنتىدە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى تېپىشىغا ياردەم بەردى. ليۇشۇخېزى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسى ناھايىتى تېزلا كۆپچىلىكنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان «پاراۋۇز» بولۇپ قالدى. كەنت ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىپ بەردى. باقمىچىلىق تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 900 يۈەنگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتۈن كەنتتە 252 مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا سېلىندى، قاپلىنىش نىسبىتى %98كە يەتتى؛ يۇقىرىنىڭ بىر مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 2000 كىۋادرات مېتىرلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى ۋە كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قۇرۇلدى... 2019-يىلى ليۇشۇخېزى كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 700 يۈەنگە يەتتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى نامراتلارنى يۆلەش  ئاساسى سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى