يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات» ئومۇمىي تەلەپ بويىچە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى خىزمەتتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى.
جايلار «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى يېزىلارنىڭ گۈزەل بايلىقىغا ئايلاندۇردى.
جىلىن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى