تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»نى قاتتىق ياخشى ئىجرا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ مىزان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىيەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ياخشى تاللاپ، ياخشى ئىشلىتىپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنى ۋە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك؛ تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي نىزام ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق قىلىش رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نىشان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈچ يىغىش، كۈچ توپلاش، كۈچ ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەم ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشكە ماھىر بولۇپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، يېڭى شەيئىلەرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز سۈرئەتتە زورايتىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يانداش سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋا رايى ۋە سۇ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تۈرلۈك سۇ ئامبىرى، دەريا ئېقىنى، توسما، تاغ جىسمى قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ۋە بۆلەكلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا بايقاپ، قەتئىي تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ئىلمىي ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي نۇقتىلىق تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئەندىزىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، زەھەر تىزگىنلەش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى قەتئىي ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.