تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. «1 - ئىيۇل» كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ماركسىزم، بولۇپمۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا ماركسىزم نەزەرىيەسى قورالىنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى سەۋىيەسى ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىيەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا، ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتتى. ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى خىسلىتى دەل ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقەتنى سىناپ ۋە ھەقىقەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلەت پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى، ئىجادچانلىقىنى ساقلىشىدىكى ئاچقۇچ. دەل ئاساسىي نەزەرىيە ۋە يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەچكە، پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئاندىن دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىقىنى بېيىتىپ، مەڭگۈ تۈگىمەس ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلالىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىشتىكى تۈپ سەۋەب، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلىگەنلىكى، رولچى بولۇپ يول باشلىغانلىقىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە. بۇ ئىلمىي نەزەرىيەدە تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ دەۋر قىممىتى تولۇق نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئىرادىسى، سىياسىي مەيدانى، سىياسىي تەشەببۇسى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن، ئۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيەۋى بايرىقى، پارتىيەمىزنىڭ جەمئىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك قورال بولۇپ، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا جۇڭگونىڭ ئىجادىي تۆھپىسىنى قوشتى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىدە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى. پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى ۋە «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىندى. يېقىندا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى دەۋر، يېڭى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ئويلاپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، شەيئىلەرنىڭ ھادىسىسىنى بىلىپ، شۇنداقلا شەيئىلەر ھادىسىسىنىڭ ماھىيىتىنى، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىپ، چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ماركسىزم نەزەرىيەسى بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قابىلىيىتىمىز، شۇنداقلا رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى كېرەك بولغان، خىزمەتنى غەلىبىلىك ئىشلەشتىكى تۈپ قابىلىيەت. ھازىر، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، مىسلى كۆرۈلمىگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن ماركسىزمنى قوللىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئېغىر، زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچى قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆزلەيدىغان نەزەر بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىگىلەپ، بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈش، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پەي - سۆڭەكلىرىمىزنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان قاتتىق ئومۇرتقىلىق، تۆمۈر يەلكىلىك، ھەقىقىي ئىقتىدارلىق بولۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەقەت پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىقنى بېيىتساق، پارتىيەمىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى