تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-كورلا-خوتەن ئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر پېڭ يالى خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى كورلا تىجارەت ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىدىن ئېچىلغان، قايتا قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، كۆپەيتىلگەن، ئەلالاشتۇرۇلغان تۆت كورلا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ كورلىنىڭ تىرانسپورت سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى كورلا تىجارەت ئورنىدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-كورلا-خوتەن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، CZ8817/8 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. بېرىش سەپىرىدە: سائەت 10:10 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:10 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن، سائەت 11:55 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:20 ئۆتكەندە خوتەنگە يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش سەپىرىدە: سائەت 14:15 ئۆتكەندە خوتەندىن ئۇچۇپ، سائەت 15:35 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ كېلىدىكەن، سائەت 16:20 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:15 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن.

  7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر-كورلا-جېڭجوۋ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، CZ6691/2 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن. بېرىش سەپىرىدە: سائەت 17:20 ئۆتكەندە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 18:50 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن، سائەت 19:40 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 23:35 ئۆتكەندە جېڭجوۋغا يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش سەپىرىدە: سائەت 08:15 ئۆتكەندە جېڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 12:40 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ كېلىدىكەن، سائەت 13:25 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:05 ئۆتكەندە قەشقەرگە يېتىپ كېلىدىكەن.

  6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى كۆپەيتكەن ئۈرۈمچى-كورلا نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر كۈنى تۆت نۆۋەت قاتنايدىكەن، ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇش ۋاقتى سائەت 09:00، 12:00، 14:00، 22:00 ئەتراپىدا بولىدىكەن. ھەر ۋاقىت پۈتۈن كۈندە، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلىدىكەن.

  يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە قەشقەر-كورلا-شىئەن ئارا  قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نۆۋەتلىشىش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، CZ6849/50 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ھەر سەيشەنبە،پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە تەڭشىلىدىكەن. بېرىش سەپىرىدە: سائەت 08:50 ئۆتكەندە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 10:15 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن، سائەت 11:00 كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:20 ئۆتكەندە شىئەنگە يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش سەپىرىدە : سائەت 17:25 ئۆتكەندە شىئەندىن ئۇچۇپ، سائەت 21:15 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ كېلىدىكەن، سائەت 22:00 كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 23:40 ئۆتكەندە قەشقەرگە يېتىپ كېلىدىكەن.

  سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلار يان تېلېفون ئارقىلىق «南航e行»غا تىزىملىتىش، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارى «南方航空»نى قوشۇش، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى APP نى چۈشۈرۈش، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 95539 غا تېلېفون قىلىش، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى www.csair.com غا چىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئەڭ يېڭى ئايروپىلان بېلىتى باھاسى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ئەھۋالىغا ئىگە بولالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى