تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ «يەر بەلگىسى» ماركا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتى تۆت خىل «يەر بەلگىسى» مەھسۇلاتىغا ئىلتىماس سۇنغان. بۇنىڭ سەۋەبى جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالتۇن ئاچقۇچ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرى «يەر بەلگىسى» مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئىلتىماس قىلىشتا، «يەر بەلگىسى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقنى بېيىتىش ئۈنۈمىنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشالايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

  يېڭىسار ئۆرۈكىنى مىسالغا ئالساق، يېڭىسار ناھىيەسى 150 مىڭ مو يەرگە ئۆرۈك كۆچىتى تىكىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 80 مىڭ توننىغا يەتكۈزدى، «يەر بەلگىسى» ماركىسىنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، يېڭىسار ئۆرۈكى «يەرلىك مەھسۇلات» نى «خاس مەھسۇلات»قا ئايلاندۇردى، ھازىر بىر تۈركۈم ئۆرۈك ئاۋىياتسىيە ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش (بارلىق قاچىلاش، توشۇش ھالقىلىرىدا مەھسۇلاتنى بەلگىلىك تېمپېراتۇرىدا ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ) ئارقىلىق ئىچىكىرى رايونلارغا سېتىلىپ، ياخشى سوۋغاتلىق بۇيۇمغا ئايلاندى.

  «2016-يىلىدىن بۇرۇن، ئۆرۈكلىرىمىزنىڭ ھەر كىلوگرامى پەقەت بىر، ئىككى يۈەندىن، ئەڭ ئەرزان بولغاندا 8 مودىن سېتىلغان؛ 2017-يىلى، ھۆكۈمەت ئۆرۈككە قارىتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئۆرۈكنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىدى، ئۆرۈكنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، باھاسى يىلدىن-يىلغا ئۆستى، بۇ يىل ئۆرۈكنىڭ باغدا سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 10 يۈەنگە يەتتى.» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى لومپا يېزىسى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابدۇخېلىل روزى.

  يېڭىسار ئۆرۈكىدىن باشقا كۇچا ئاق ئۆرۈكى، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىمۇ جۇڭگو جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «يەر بەلگىسى» ماركا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى، ئۆرۈكنىڭ باھاسىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ، ئاق ئۆرۈك شىنجاڭنىڭ ئەڭ داڭلىق مېۋىسىگە ئايلىنىپ، شاڭخەي، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا بازار تاپتى. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۇچا ئاق ئۆرۈكى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپ،  ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 20 ~ 18 يۈەنگىچە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى