تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈنەس ناھىيەسى: ئۈستىقۇددۇس ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ نىڭنىڭ، جانات، ليۇ بو خەۋىرى، فوتوسى): سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس ئېچىلىدىغان پەسىل يەنە يېتىپ كەلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئالمىلىق بازىرى ياۋا مېۋىلىك جىنجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت باغچىسىدىكى ئۈستىقۇددۇسلار بەس-بەستە ئېچىلغانلىقتىن، گۈل سەيلىسى، تاماشا قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  جىنجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىستىراھەت باغچىسىغا كىرگىنىڭىزدە، چېچەكلەش مەزگىلىدىكى سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس پۈتكۈل تاغ باغرىنى قاپلىغان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى ۋە ئۇنىڭدىن تارالغان خۇش پۇراق كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، يەرلىك ئاھالىلەر بەس-بەستە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىۋاتاتتى.

  ساياھەتچى جۇ لى مۇنداق دېدى: «دوستلىرىمدىن بۇ يەردىكى ئۈستىقۇددۇسنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مەخسۇس كۆرگىلى كەلدىم، بۇ يەردىكى ئۈستىقۇددۇس بەك چىرايلىق ئىكەن، ئۆينىڭ ئالدىدىلا تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن».

  ساياھەت باغچىسىدا ئۆرۈك، مالىنا قاتارلىق ھەم ئىقتىسادىي قىممىتى بار، ھەم تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە زىرائەتلەر تېرىلغان بولۇپ، ھازىر ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ،  ساياھەتچىلەرنى ئۈزۈشكە، تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

  ساياھەتچى شېن شياۋخۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مېۋىلەرنى ئۈزگىلى ھەم گۈل تاماشاسى قىلغىلى بولىدىكەن، مەنزىرىسى چىرايلىق، ھاۋاسى ياخشى ئىكەن، ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلار بىلەن كېلىپ ئويناشقا ماس كېلىدىكەن».

  ئالمىلىق بازىرى ياۋا مېۋىلىك جىنجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىستىراھەت باغچىسى كۇنەس ناھىيە بازىرىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، خاس ئىقتىسادىي تېرىقچىلىق، گۈل تاماشا ساياھىتى، كۆڭۈل ئېچىش، مېۋە ئۈزۈش بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت باغچىسى بولۇپ، ئىستىراھەت ساياھىتى قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ھېسابلىنىدۇ.

  كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرى ياۋا مېۋىلىك جىنجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىستىراھەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى دۇەن شىفېڭ مۇنداق دېدى: «باغچىمىزنىڭ كۆلىمى 960 مو كېلىدۇ، باغچىدىكى مالىنا، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق مېۋىنى كۆپچىلىك ئۈزسە بولىدۇ، يەنە ئۈستىقۇددۇس، ئۇچقات قاتارلىقلار تېرىلغان، ھازىر ئۈستىقۇددۇسنىڭ ئېچىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ تاماشا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى