تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

34 يىل ئىلگىرىكى يامغۇردىكى قۇتقۇزۇش زەيتۇنخاننى لەنجوۋلۇق بىر «چوڭ ئوغۇل»غا ئېرىشتۈردى

ما نىڭ (سولدىن بىرىنچى كىشى) ھەربىي سەپتىن قايتىش ئالدىدىكى بىر دەم ئېلىش كۈنىدە «ئاپا»سى زەيتۇنخان بارات(سولدىن ئىككىنچى كىشى)نىڭ ئۆيىدە تاماق يېمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر جيا يۈەنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): «ئاپا، ئىككى كۈندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ تاماقنى ياخشى يەۋاتامسىز؟» 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، لەنجوۋدىكى ما نىڭ شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى «ئاپا»سى زەيتۇنخان بارات بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى. «مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، بەك چارچاپ كەتمەڭ.» زەيتۇنخان بارات «چوڭ ئوغلى» ما نىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى قايتا-قايتا تاپىلىدى، چۈنكى زەيتۇنخان بارات ما نىڭنىڭ قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتى.

زەيتۇنخان باراتنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولۇپ، ما نىڭ كۈن ئاتلاپ ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىپ، يېقىنقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى. ما نىڭ 1986-يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەندە زەيتۇنخان بارات بىلەن تونۇشقانىدى، 1990-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتى لەنجوۋغا قايتقاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ 30 نەچچە يىللىق قېرىنداشلىق رىشتى ئۈزۈلمەي كەلدى.

71 ياشلىق زەيتۇنخان باراتنىڭ يەتتە بالىسى بولۇپ، ما نىڭ يېشى بويىچە «چوڭ ئوغۇل» ئىدى. 1986-يىلىدىكى كۈز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، زەيتۇنخان بارات كۆكتات سېتىۋالغىلى چىققاندا، ئۇخلاۋاتقان ياكى ئويغاقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، قارىماققا ناھايىتى بىئارام بولغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر يىگىتنىڭ يول بويىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئۇ دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، يىگىتنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى، گەپ قىلغۇدەك ھالى يوقلىقىنى بايقايدۇ. «يامغۇر مۇزدەك تۇرسا، بۇنداق كېتىۋەرسە بۇ بالا توڭلاپ قالىدۇ، دەپ ئويلىدىم» زەيتۇنخان بارات شۇنداق دېدى، ئۇ كۆكتات سېۋىتىنى قويۇپ، يىگىتنى كۈچەپ يۈدۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يىگىتنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ، دورا قايناتتى. نەچچە سائەت ھەپىلەشكەندىن كېيىن، يىگىتنىڭ قىزىتمىسى ياندى، ئۆزىمۇ ھوشىغا كەلدى.

زەيتۇنخان بارات ما نىڭنىڭ قىسىمدىكى سۈرىتىنى ئېلىپ قايتا-قايتىلاپ كۆرمەكتە.

بۇ يىگىت دەل ما نىڭ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ گەنسۇدىن ئاتۇش شەھىرىدىكى ھەربىي سەپكە يېڭى كەلگەنىدى. ما نىڭ شۇ كۈنى دەم ئېلىش كۈنى ئىدى، مەن نەرسە سېتىۋالغىلى سىرتقا چىققانىدىم، ئەسلىدە قىزىتمامنى چوڭ چاتاق تېرىماس، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن كوچىدا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن، دېدى. «ھېلىمۇ ياخشى ئاپام مېنى يۈدۈپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىپتۇ.» ما نىڭ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئاپىسى زەيتۇنخان بارات ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي: «شۇ چاغدا ئۆيۈمنى بەك سېغىنغانىدىم، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنى ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلدىم، خۇددى ئۆز ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندەك بولدۇم» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ما نىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە زەيتۇنخان باراتنىڭ ئۆيىگە باردى، ياكى زەيتۇنخان بارات بىلەن ئېرى ئاچقان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنىغا بېرىپ ياردەملەشتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ زەيتۇنخان بارات ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بىر كۈنى، ما نىڭ زەيتۇنخان باراتتىن ئىنى-سىڭىللىرىغا ئوخشاش ئۆزىنى «ئاپا» دەپ چاقىرسا بولۇش-بولماسلىقىنى سىناپ سورىغاندا، زەيتۇنخان بارات ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بالىلىرىغا: «بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سىلەرنىڭ ‹چوڭ ئاكاڭلار›، بىزنىڭ ئۆي ئۇنىڭ ئۆيى!» دېدى.

زەيتۇنخان باراتنىڭ قىزى ئارزۈگۈل ھوشۇر كىچىكىدىنلا «ئاكا»سى ما نىڭنىڭ ئۆيىدىكى ئورنىنى ھېس قىلغانىدى: «ھەر قېتىم دەم ئېلىش كۈنى ئاتا-ئانام بىر مۇنچە يېمەك-ئىچمەك تەييارلاپ چوڭ ئاكامنىڭ قايتىشىنى كۈتەتتى، شۇڭا، ئۇ چاغدا بىز ئاكىمىزنىڭ يولىغا تەقەززار بولۇشۇپ كېتەتتۇق !»

1990-يىلى، ما نىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، يۇرتىغا قايتىدىغان بولدى. زەيتۇنخان بارات كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: «بالام، بىزنى دائىم يوقلاپ تۇرۇڭ» دېدى. ما نىڭمۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: «‹ئاپا›، خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ يەر مېنىڭ ئۆيۈم تۇرسا، قايتىپ كەلمەي تۇرالايمەنمۇ!» دېدى.

ما نىڭ (سولدىن ئۈچىنچى كىشى) ئاپىسى زەيتۇنخان بارات (ئوتتۇرىدا) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئەينى يىللاردا ئالاقىلىشىش ئانچە قولايلىق ئەمەس ئىدى، لەنجوۋغا قايتىپ كەلگەن ما نىڭ ھەر بىر، ئىككى ئايدا «ئاپا»سى زەيتۇنخان بارات ئائىلىسىدىكىلەرگە خەت يازدى. «‹ئاكام›نىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئاپام ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش، ئاپام خەتنى قولىغا ئالغان ھامان بىزنى ئوقۇپ بېرىڭلار دەپ، ئۆزى بىر چەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلايتتى، ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن جاۋاب خەت يازغۇزاتتى.» ئارزۈگۈل ھوشۇر شۇنداق دېدى. كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ تېلېفونى بار بولدى، تېلېفوندا ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپەيدى.

ما نىڭ يۇرتىغا قايتىپ بەش يىلدىن كېيىن، ئاتۇش شەھىرىگە كېلىپ، «ئاپا»سى زەيتۇنخان باراتنى يوقلىدى. ئۇ چاغدا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىمۇ چوڭ بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار پۇرسەت بولسىلا لەنجوۋغا بېرىپ چوڭ ئاكىسىنى يوقلايتتى. ئارزۇگۈل ھوشۇر ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئ‍‍اكىسىنى ئۈچ قېتىم يوقلاپ بارغانلىقىنى، ي‍‍ەنە ب‍‍ىر ق‍‍انچە ق‍‍ېتىملىقى ئ‍‍ىچكىرى رايونغا كاماندىروپكىغا چىققاندا ياكى ساياھەتكە بارغاندا لەنجوۋدىن ئۆتكەندە «ئاكا»سى بىلەن پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا كۆرۈشۈشكە كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى. كېيىن ئەڭ كىچىك سىڭلىسى شېنجېنغا ئوقۇشقا بارغاندا، ما نىڭمۇ دائىم تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ تۇردى، «ئۇنىڭ چوڭ ‹ئاكا›سى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم» دېدى ما نىڭ.

ما نىڭ «ئاپا»سىنى نۇرغۇن قېتىم يوقلىدى، 2017-يىلى 8-ئايدا ئۇ يەنە ئىككى قىزىنى ئېلىپ كەلدى. ما نىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قېتىم قىزلىرىغا تۇغقان تونۇتقىلى ئاپارغان بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان. زەيتۇنخان بارات پاراڭلىشىش جەريانىدا «چوڭ ئوغلى» ما نىڭنىڭ قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، قىزىغا ئۆزىنى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە ئاپارغۇزۇپ، ما نىڭغا تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان يۇڭ پوپايكا، يۇڭ ئىشتان ئېلىپ بەردى. مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭغا قىشتا ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشنى، بۇ كېسەلنى ياخشى داۋالىتىش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى. ما نىڭ يۇڭ پوپايكا، يۇڭ ئىشتانلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە ماقۇل بولدى، لېكىن قايتىدىغاندا كۆز يېشىنى توختىتالمىدى: «كۆڭلۈم ئىللىپ كەتتى، قىيالمايۋاتىمەن.» ما نىڭ ئۆكسىگىنىچە شۇنداق دېدى.

ھازىر، 55 ياشلىق ما نىڭنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنى شۇكى، ئاپىسى زەيتۇنخان باراتنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، يىراق يەرگە سەپەرگە چىقالمايتتى، «مېنىڭ ئۇنى ئېلىپ لەنجوۋنى ئايلاندۇرغۇم، ياخشى جايلاردا ئويناتقۇم، لەنجوۋنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى يېگۈزگۈم بار». ئ‍‍ۇ م‍‍ۇنداق دېدى: ئ‍‍اتۇش ش‍‍ەھىرى م‍‍ەڭگۈ م‍‍ېنىڭ ي‍‍ۇرتۇم، زەيتۇنخان بارات م‍‍ەڭگۈ م‍‍ېنىڭ «ئاپام». (رەسىمنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىدى). 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى