تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پۈتۈن لىنىيەدە كېچىلەپ قار تازىلاندى! 7-ئاينىڭ 1-كۈنى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا نورمال قاتناش باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: تىيانشاننىڭ ئىچكى قىسمىنى كېسىپ ئۆتكىچە تۆت پەسىلنى كۆرگىلى بولىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا گۈللەرنى، قارلارنى، چۆل تاغلارنى تاماشا قىلىش ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ «ئاخىرقى ئارزۇسى».

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار، تاش پارچىلىرى تازىلىنىپ، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن لىنىيە ۋاقتىنچە تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەنلىكىگە تېخى 20 كۈنمۇ بولمىغانىدى.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، «قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلانغان»لىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاندى.

يازدا رەسمىي قاتناش باشلانغاندا، تومۇز ئىسسىق بولسىمۇ، تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ قار تازىلاش سايمانلىرى ھەرگىز تۇرۇپ قالمايدۇ.

بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، مايتاغ-كۇچا تاشيولى ياقىسىدىكى تاشيول تارماقلىرى ئاپتوموبىل ۋە 1-سەپتىكى تاشيول ئىشچىلىرىنى كۆپلەپ مەركەزلىك ئەۋەتىپ، بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ قار ۋە ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى مايتاغ-كۇچا تاشيولى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇب-شىمال يۈزلىنىشى شىمالدا مايتاغ دۆلەت يولى G217-لىنىيەسىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا كۇچا دۆلەت يولى G217-لىنىيەسىدە ئاياغلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر. يول ياقىسىدا تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى، قىزىلتاغ تاش ئورمىنى، كۇچادىكى چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى، نارات يايلىقى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار.

1983-يىلى 9-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئەسلىدىكى 1000 نەچچە كىلومېتىر ئارىلىقنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، جۇڭگو تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى بىر ئابىدىگە ئايلاندى. بۇ تاشيولنى ياساش ئۈچۈن، نەچچە ئون مىڭلىغان ئوفېتسىر-ئەسكەر 10 يىل كۈرەش قىلدى، 168 نەپەر يول ياسىغۇچى ئوفېتسىر-ئەسكەر قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

ھەر يىلى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى تاشيول ئىشچىلىرى ئايلىنىپ يۈرۈپ قار تازىلاش، چارلاش، تاش پارچىلىرىنى تازىلاش، يول يۈزىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئاسراش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.

ئاسراش خىزمىتى پەسىل، كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىلمايدۇ.

ساياھەتچىلەرگە «ئون چاقىرىمدا ئوخشاش بولمىغان كۈن، بىر كۈندە تۆت پەسىل» ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەيەردە ئاپتوموبىل توختىتىش، مەنزىرە تاماشاسى قىلىش، ھاجاتخانا ئىزدەش ئەندىشىسىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 1500ى، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ھاجەتخانىدىن 19ى كۆپەيتىلدى.

تاغلىق رايوندا قار يېغىپ مۇز تۇتۇش قاتارلىق تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى ھەر يىلى پەقەت 5 ئاي ئەتراپىدىلا ئېچىۋېتىلىدۇ، كونكرېت قاتناش ۋاقتى لىنىيەدىكى ھەر قايسى يول بۆلەكلىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى، يول مەمۇرىيىتى، تاشيول تارماقلىرىنىڭ بىرلىكتە چىقارغان «يول يۈزىگە يىغىلىپ قالغان قار، تاش پارچىلىرى، لاتقا شېغىللىق ئېقىن تازىلىنىپ، قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن ئېلان قىلىنىدۇ.

  2020-يىلى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا «ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش يول يۈزىنى چوڭ، ئوتتۇرا رېمونت قىلىش، تونېلنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى، قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قەدەممۇقەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «يول» بىلەن «مەنزىرە»نى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ماقالە/سۈرەت مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ يىۋېي، شۈ پىڭ، سۇڭ شۆلىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى