ئىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۈرۈمچى سانائەت رايونىدىكى كارخانىلار قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېزلەتتى.
(1) سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ لىڭجىيۇجىيۇۋيى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈخۇەن كارخانا باغچىسى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشچىلار جىددىي مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ تۈرگە 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1000 مو بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان باغچە رايونى تۈرى ھېسابلىنىدۇ .
(2) سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ تيەنرۈن ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى تۇرۇبا ماتېرىياللىرى، تۇرۇبا دېتاللىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ شىركەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش مىقدارىنى ئاشۇردى، نۆۋەتتە 38 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى.
(ۋاڭ دېجياڭ فوتوسى)
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى