تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرچىندا يېزا -كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خۇيلىڭ) خەۋىرى: 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىل يار كەنتى چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى مەنزىرە رايونى سالقىنداشقا كەلگەن نۇرغۇن ئىستىراھەت ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالدى.

  قىزىل يار كەنتى ئېرتىش دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونى بىلەن قوشنا، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، بېلىقچىلىق بايلىقى مول بولغانلىقتىن «چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى» دەپ ئاتالغان.

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى، چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جۇڭلياڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، بېلىق تۇتۇش، چوڭ قىزىل بېلىق كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىق نۇرغۇن ساياھەت تۈرلىرى بار. مەنزىرە رايونى ئېرتىش دەرياسى بويىغا جايلاشقان ھەم قىزىل يار كەنتى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، سەھرا ئۆرپ-ئادىتى مەنزىرە رايونىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. مەنزىرە رايونى 2019-يىلى دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولدى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى. قىزىل يار كەنتىدىن باشقا، بۇرچىن ناھىيەسى يەنە چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتى ۋە ئويماق بازىرى ئەلامان كەنتى، قاتەي كەنتى، قاراقابۇلاق كەنتى قاتارلىق 30 نەچچە يېزا-كەنت ساياھەت سەرخىل تۈرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، بېلىق تۇتۇش، مېۋە ئۈزۈش، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل، سەنئەت قاتارلىق تۈرلەرنى ساياھەتچىلىككە سىڭدۈردى، ھەرقايسىسىنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى.

  ئەلامان كەنتىدىكى چارۋىچىلار ئارامگاھى، دېھقانلار ئارامگاھى خوجايىنلىرى كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تېرىدى، بېلىقچىلىق ئىستراھىتى، مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىدە كەڭ كەتكەن ئاق قېيىن، قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان، غەلىتە تاش ئورمىنى بار بولۇپ، مەنزىرە بىلەن ئۆرپ-ئادەت بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شۇ جايداتۆگە ساياھىتى ئېكسپېدىتسىيە جەمئىيىتى، ئات چانىسى جەمئىيىتى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، تۆگىگە مىنىپ ئاق قېيىن ئورمانلىقىنى ساياھەت قىلىش شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى.

  ئويماق بازىرى توقىمتى كەنتىدىكى دېھقانلار جىغان ئورمانلىقىغا خۇڭشۇ، ئالما، موگۇ، پەمىدۇر كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. «دېھقانلار ئارمگاھىمىزدا، ساياھەتچىلەر ئۆزى ئۈزگەن موگۇ، پەمىدۇرلاردىن تاماق ئەتسە بولىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى لى جېڭشىن.

  ئەۋزەل بايلىق مەنبەسى تۇتقا قىلىنىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ شەكىللىنىشى تېزلىتىلدى، ھازىر بۇرچىن ناھىيەسىدىكى بارغانسېرى كۆپ كەنتلەر يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭ ئەندىزىسىگە پائال قاتنىشىۋاتىدۇ. كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا -كەنت ساياھەتچىلىكى شۇ جايغا نەپ يەتكۈزدى. «بىزنىڭ ساياھەتچىلەر مەنبەيىمىز مەنزىرە رايونىدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرمۇ بىزنىڭ مېھمىنىمىز بولالايدۇ. ساياھەت جانلانغان مەزگىلىدە نەچچە ئون مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى قىزىل يار كەنتى ئاھالىسى، پۇقراۋى قونالغۇ خوجايىنى سايراگۈل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى