تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن يۇقىرى بولىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): بىر قېتىملىق يامغۇر بىلەن تەڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، تېمپېراتۇرا تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەپ ℃30قا چىقىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدا كەلگۈسى ئۈچ كۈندە كەڭ كۆلەمدە كۆرۈلگەن قار ۋە يامغۇرلۇق ھاۋا رايى ۋاقتىنچە ئاياغلىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەيدۇ.

  يامغۇردىن كېيىنكى سەھەردە، يول يۈزىدە يامغۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، ھاۋا تېخىمۇ ساپلاشتى. ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يامغۇرنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: ئاساسىي شەھەر رايونىدا ھۆل-يېغىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 06:00دىن باشلاپ تاكى شۇ كۈنى كەچ سائەت 23:00كىچە ئۇدا يېغىپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى 22.1 مىللىمېتىرغا يېتىپ، قاتتىق يامغۇر دەرىجىسىگە يېتىپ، قارا يامغۇر دەرىجىسىگە يېتىشكە پەقەت ئىككى مىللىمېتىرلا قالدى. شەھەرنىڭ شىمالى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى، داۋانچىڭدا قارا يامغۇر ياغدى. بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ كۆپ جاي مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى دۇڭسەندىكى ئۈچبۇزاۋ كەنتىگە توغرا كېلىپ، 53.7 مىللىمېتىرلىق قارا يامغۇر ياغدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 1-ئايدىن بۇيان ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئازراق بولدى، بولۇپمۇ شەھەر رايونى بىلەن شىمالىي قىسىمدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكى ھۆل - يېغىن مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يەتمەي، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى كەڭ دائىرىلىك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى ئالدىنقى مەزگىللىك قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتتى. ياغقان يامغۇر بىلەن تەڭ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى، يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كونتروللۇقىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن، 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن يۇقىرى بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىمۇ بارا-بارا ℃20قا ئۆرلەيدىكەن.

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ دائىرىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەيدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃35تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن ئېشىپ، تۇرپان شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى