7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا» ناملىق سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكى «بۇلۇت كۆرسىتىش» شەكلى قوللىنىلىپ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى 1-قانىلى ۋە تىيانشان تورىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلدى. سۈرەتتە: «پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا» ناملىق سىمفونىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكى نەق مەيدانى. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى قىزىل تامغا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. (يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجاد قىلغان چوڭ تىپتىكى «بارچە خەلق چالدى ساز . ئۈمىدكە تولغان خوتەن» مەخسۇس تىياتىرى خوتەن كىنو تىياتىرخانىسىدا ئورۇندالدى. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى